تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت پائالىيىتىدە سەرخىل ئويۇنلار ئۈزۈلمىدى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، لى لى، پىراكتىكانت چۇ شۈەنشۈەن خەۋەر قىلىدۇ: ناخشىلار ياڭراق، ئۇسسۇللار لەرزان، كۆرگەزمىلەر قالتىس، كىتابلار مول... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۇتۇپخانا، سەنئەت يۇرتى، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرى مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل نۇرغۇن مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا دۆلەت بايرىمىلىق مەززىلىك «مەدەنىيەت زىياپىتى» بەردى.

10- ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇخبىرلار شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىغا كەلدى، سائەت ئەمدىلا 11دىن ئاشقان بولسىمۇ، كۇتۇپخانا نۇرغۇن ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالغانىدى. «دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ كۇتۇپخانىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈپ باققىلى كەلدىم، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىتاب كۆرۈش مۇھىتىنىڭ ناھايىتى ئازادە ئىكەنلىكىنى، پەن - تېخنىكا تۇيغۇسىنىڭ ناھايىتى يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جۇ ۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللا ئۈسكۈنىسى ئالدىدا تۇرۇپ «چىراي تونۇتۇپ ئارىيەتكە ئېلىش» ئارقىلىق ئون نەچچە سېكۇنتتىلا ياخشى كۆرىدىغان بىر ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئارىيەت ئالدى. كۇتۇپخانا ئىچىدە، كىتاب ئوقۇش رايونى، ھۆسنخەت يېزىشنى سىناپ بېقىش رايونى، «تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان» مۇلازىمەت ئوقۇرمەنلەرنى ھۆسنخەت يېزىش، كىتاب ئوقۇش ھۇزۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى.

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جى پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىغا ھەر كۈنى كىرگەنلەر 5000دىن 6000 ئادەم قېتىمغىچە بولۇپ، 10- ئاينىڭ 1-، 2- كۈنىلا كىتاب ئارىيەت ئېلىش، قايتۇرۇش قېتىم سانى 18 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ كۇتۇپخانا نەسىر ئوقۇش يىغىلىشى، ئادەم قونچاق تىياتىرى، يېڭى كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق 12 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

ئاۋاتلىشىپ كەتكىنى يېڭىدىن ئېچىلغان شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى بولۇپلا قالماي، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «يامىشىپ چىققۇچى» «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى» قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كىنولارنىڭ قويۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتقان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ كىنوخانىلاردا ھەربىر مەيدان دېگۈدەك ئادەم بىلەن لىق تولدى.

10- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا، خەلق كىنوخانىسىنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساقلاش رايونىدا، ئادەم مىغىلداپ تۇراتتى، نۇرغۇن كىشى دۆلەت بايرىقىنى تۇتۇپ «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نىڭ ئېلانى ئالدىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

10- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى كوچىسى چياۋدۇڭ مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيى خۇشال ناخشا ۋە كۈلكە - چاقچاققا تولغان بولۇپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئۇسسۇل «جۇڭخۇاغا مەدھىيە» «خۇشاللىق» «ياشلىقتىكى ھاياتىي كۈچ»، ناخشا «سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» «مەن بىلەن شىنجاڭغا بارغىن» «قۇياش چىقىپ شادلاندۇق»، خۇشال شار ئويۇنى قاتارلىق نومۇرلار قالتىس، رەڭدار بولۇپ، تاماشىبىنلار خۇشاللىقتىن توختىماي ئالقىش ياڭراتتى.

10- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش كىچىك ئەترىتى يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ دۆڭئېرىق كەنتى، چۈرۈچ كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە «گۈللىنىش دەۋرىدىكى شادلىق ناخشىسى» «ئانام جۇڭخۇا» «بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ياخشى» «كەنتتە تۇرۇش ناخشىسى» «ئاشۇ يىراق جايدا» «بەختلىك جۇڭگو بىلەن بىللە مېڭىش» قاتارلىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، تەسۋىرىي ئويۇن قاتارلىق نومۇرلارنى ئېلىپ كەلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) تەييارلىغان ۋەتەنگە بەخت تىلەش «جۇڭخۇا شىيۈن» جىڭجۈ تىياتىرى مەخسۇس كېچىلىكى، 10- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئىككى كۈن قويۇلدى. ئاساسلىق نومۇرلاردىن «گۈيفېينىڭ مەست بولۇشى» «شاجياباڭ. ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش» «دۇجۈەنشەن. بۈيۈك ئىرادە» «تيەننۈ سەنخۇا» «ياڭ ئائىلىسىدىكى ئايال سەركەردە. جىلغا چارلاش» «جياڭ ھەدە. قىزىل بايراق كەشتىلەش» «قىزىل چىراغ خاتىرىسى. ئادەم بولساڭ موشۇنداق ئادەم بول» «جۇڭخۇا شىيۈن» قاتارلىقلار بار.

بۇنىڭدىن سىرت، «مەن جۇمھۇرىيەت بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەيمەن» باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت، ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئالاتاۋ پورتى مەركىزىي شەھەر كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى؛ ئارشاڭ ناھىيەلىك كۇتۇپخانا ھەرقايسى يېزا، بازار، مەيدان، كەنتلەردە «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە يەتكۈزۈش» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش كىتابلىرى مەخسۇس كۆرگەزمىسى، «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ۋەتەننى مەدھىيەلەش، شانلىق پارتىيە تارىخى كىتاب كۆرگەزمىسى» ھەمدە «ئېتىقادنىڭ كۈچى − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى» قىزىل باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى تەشكىللىدى؛ 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈزلۈك يىغىم پەسلى − دۆلەت بايرىمىلىق مەخسۇس ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تاش قاتما كۆرگەزمىسى، جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى، «مېنىڭ خۇڭسەن توغرىسىدىكى ئەسلىمەم» سۈرەت كۆرگەزمىسى، خۇڭسەن چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى... ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا، نۇرغۇن يېڭى، كونا سۈرەتلەر سېلىشتۇرمىسى ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۈرۈمچىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدۇردى. «تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 75 ياشلىق جاڭ گوفېڭ بوۋاي ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە خەتتاتلار ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن كىچىك ئەترەت تەشكىللەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى، خەلق باغچىسى، بالىلار باغچىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى مەدھىيەلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، دۈيليەن يېزىش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى