تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقتوقاي يېزىسىدا خۇشاللىنارلىق ئىشلار كۆپ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا، جىگدىلىك كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇرسۇن موللىنىياز خۇشال - خۇرام ھالدا يېڭى سېلىنغان ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق مائاشنى ئالغان، سۇيۇتقا كەنتى ئاھالىسى مەلىكەم قۇربان ئۆيگە قايتىش يولىدا كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي، ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۇچرىغان ھەربىر كەنت ئاھالىسى بىلەن سالاملاشتى.

تۇرسۇن بىلەن مەلىكەم تۇرۇشلۇق ئىككىلا كەنت ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسىدىكى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. بۇ يىل، بۇ يېزىدىكى بارلىق ئېغىر نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى چېكىندۈرۈلىدۇ، نامرات كەنتلەرنىڭ كەينى - كەينىدىن قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى كەنت ناملىرىنىڭ ئالدىغا دائىم «قۇتلۇق» «بەختلىك» دېگەندەك سۈپەتلەر قوشۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بەخت يولىدا چوڭ قەدەم تاشلىماقتا.

كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا

تۈن يېرىمىغىچە چىراغلار ئۆچمىدى

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 23تە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى سۇيۇتقا كەنتىدىكى بەيئېربا كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ چىراغلىرى تېخى ئۆچمىگەن بولۇپ، مەلىكەم بىلەن باشقا ئون نەچچە ئايال ئىشچى يەنە بىر تۈركۈم مەكتەپ فورمىسى زاكازىنى تىكىپ ئۈلگۈرتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا بالىلارنىڭ يېڭى مەكتەپ فورمىسى كىيىشىگە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۇدا بىر نەچچە كېچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش جاپالىقراق بولسىمۇ، لېكىن بىر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقىلى بولىدۇ، بۇ، يەر تېرىغان كىرىمدىن خېلىلا كۆپ» دېدى مەلىكەم رازىمەنلىك بىلەن.

بەيئېربا كىيىم - كېچەك زاۋۇتى كەنتتىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كارخانا، بۇ يىل قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بولۇپ، 130 نامرات ئەمگەك كۈچى بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى. «كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا بېيىش يولى ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ، ئېغىر نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا چۈشەنگەن داۋلى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى گاۋ لىجۈن.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ بەش كەنتىدە ئارقا - ئارقىدىن كىيىم - كېچەك زاۋۇتى، ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەترىتى، ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بېيىش باشلامچىلىرىنى نامرات كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مەنپەئەتتە باغلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا يېتەكلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلدى. «ھازىر، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن مائاش خاراكتېرلىك كىرىم كەنت ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ» دېدى گاۋ لىجۈن.

ياڭاقلىقتا

بېقىلغان توخۇلارنىڭ زاكازى ئۈزۈلمىدى

9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قاتارئۈژمە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت تۇنىياز ئەمدىلا يىغىۋالغان ياڭاقنى ئاپتاپقا سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ياڭاقنى سېتىۋېتىپ، باقمىچىلىقنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتى.

بۇ يىل يازدا، مەمەت ئائىلىسىنىڭ ياڭاقلىقىدا يەرلىك توخۇدىن 100نى باقتى، بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن زاكازلار ئۇنى خۇشال قىلدى، ئىشىك ئالدىدىلا سودا قىلالىغانلىقىدىن ئۇ تېخىمۇ خۇشال بولدى. «بۇ يىل باققان توخۇلىرىمنى ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ بېرىشىم ھاجەتسىز، كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىلا ساتالايمەن» دېدى مەمەت.

كەنت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.3 موغىمۇ يەتمەسلىك، يەرگە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى كىچىك بولۇشتەك ئەمەلىيەتنى چۆرىدەپ، ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن بىرلىكتە سودا ئوبوروتچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئارقىلىق ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى، 250 مو ياڭاقلىقنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆستۈرۈش ئورمىنى قىلىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى سېرىق لىگۇا كىرگۈزۈپ، ياڭاقلىق ئەتراپىغا، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا تېرىدى.

بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «چارىسى بار»بولدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، نۇقتىلىق ھەل قىلىش زۆرۈر بولغانلىرىدىن يەنە ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مەسىلىسى بار.

يېڭى سۆگەتلىك كەنتىدىكى 43 ياشلىق زورەم مامۇت ئائىلىسى ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئوغلى ئوتتۇرا تېخنىكومنى تېخى پۈتكۈزمىگەن بولغاچقا، نامراتلىق چېكىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتكىلى قىل قالغانىدى. زورەمگە ئوخشاش مۇشۇنداق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چېكىدە تۇرۇۋاتقانلاردىن يېڭى سۆگەتلىك كەنتىدە يەنە 75 ئائىلە بار.

زىيارەت قىلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى زورەمگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «رېتسېپ»ى يېزىپ بەردى: قىسقا مۇددەت پاختا تېرىشقا تايىنىپ، ئىككى ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېپىش؛ كەنت تەمىنلىگەن تازىلىق ئىشچىسىلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەش، يەنە تۈرلۈك سىياسەت ياردەم مەبلىغىنى قوشقاندا، زورەم ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ بۇ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ 6600 يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لەن ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: بىز نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» «بىر ئادەمگە بىر چارە»نى بېكىتىپ، مۆلچەردىكى كىرىمى تۆۋەنرەك بولغانلىرىغا قارىتا كىرىمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ، تەدبىردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كىرىمنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە بېيىتىشتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك» دېدى لەن ۋېنخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى