تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ. يېڭى دەۋردە ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلانغاندا، بىز قىلچە قانائەتلىنىشكە جۈرئەت قىلالمايمىز، لېكىن چەكسىز ئىشەنچىمىز بار.

«جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۈيۈك تارىخىي نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر تارىخىي نەزەرى بىلەن جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنىنى ئەسلەپ، جۇڭگونىڭ بۈگۈنىنى ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ ئەتىسىگە نەزەر سالدى. جەڭ دۇمبىقى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئالدىراتماقتا، بۇ، ھەربىي يۈرۈشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى؛ پالاق كۈچەپ ئۇرۇلۇپ، يەلكەن كۆتۈرۈلمەكتە، بۇ، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ يىغىلىش سىگنالى. جاراڭلىق سۆز، ئۇلۇغۋار ئىرادە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەردى.

70 يىل جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، 70 يىل توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، 70 يىل زور مىقداردا جۇغلاپ ئاز - ئازدىن ئىشلىتىش. ھەم نامرات، ھەم قالاق بولغان بىر پارچە ئاق قەغەزگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، ئەڭ يېڭى، ئەڭ گۈزەل رەسىمنى سىزىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى، جاسارىتى تولۇپ تاشتى، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان ۋەتىنىمىز كەڭ زېمىنى جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى، 5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، سېھرىي كۈچى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۇلۇغ، ئىستىقبالى پارلاق. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقى بىر كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، جۇڭگو خەلقى چوقۇم قىلالايدۇ! جۇڭگو چوقۇم قىلالايدۇ!

يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق، قايناق ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ؛ يېڭى دەۋر مۇساپىسىگە ئاتلانغاندا، بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدۇق. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ، 2035- يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى 30 نەچچە يىللىق ئۇلۇغۋار پىلانى خۇددى ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنىڭ سىزىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

تاغ تىك ۋە خەتەرلىكلىكى بىلەن ھەيۋەتلىك، دېڭىز مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇنى بىلەن قۇدرەتلىك. دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەرقانداق بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش» جۇشقۇن ھېسسىياتى بىلەن جۇڭگو ئورنىدىن دەس تۇردى؛ «قان كېچىپ يول ئاچىدىغان» جاسارەتكە تايىنىپ جۇڭگو بېيىدى؛ «تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان» كۈرەش داۋامىدا، بىز بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا، ئادەم تاغنىڭ بېلىگە بارغاندا، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىمىز بىلەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى قارلىق تاغ، ئوتلاقلارنى بويسۇندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى جىددىي ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

قايتا قوراللىنىپ قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن ھالقىشقا قەدەم باستۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق كۈرەش قىلىپ توپلىغان مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقى توپلىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولدۇق، بىز ئۆز يولىمىزدا ماڭساق تەڭداشسىز كەڭ سەھنىگە ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولىمىز. مۆجىزە ئىشلەش ئارقىلىق يارىتىلغان، سوتسىيالىزم قۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلار دەۋرى، ھەربىر ئادەم يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، بەرپاچىسى، قۇرغۇچىسى. بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەيدىغانلا بولساق، بىز جەزمەن يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

ئەسلىي مەقسەت ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك يەتكۈزىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى