تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، رېن خۇا كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ داغدۇغىلىق ھالدا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچقانلىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆز قىلغانلىقى باش شۇجىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. تەقدىرلەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل پەزىلىتى ۋە نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇللۇق ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى قەتئىي قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.