تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

− ئاپتونوم رايونىمىز «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات، شيا چىڭ

«مەن كۈەيبەن بىلەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى سۆزلەپ بېرەي، پارتىيەنىڭ بىزگە بەختلىك تۇرمۇش بەرگەنلىكىگە رەھمەت...» 9- ئاينىڭ 20- كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىسى قاراقۇم كەنت ئاھالە كومىتېتىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، سەككىز پۇقرا تەشۋىقاتچى نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چىقىپ، كۈەيبەن، ناخشا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، پۇقرالارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى تەسىرلىك بايان قىلىۋاتاتتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرى، ئېتىز - ئېرىق باشلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزدى... ھەربىر مەيدان تەشۋىقات كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەممە ئادەم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سۆزلەش ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش

ھەممە ئادەم تەشۋىقاتچى

بۇ نەچچە كۈندە، جىڭ ناھىيەلىك ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەشۋىقاتچى يې خۇڭمېي ئۇدا بەش مەيدان تەشۋىقات لېكسىيەسى سۆزلىدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ئاڭلاپ قانمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، ناھىيە ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامنى قاپلىغان تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى قۇردى».

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» پۇقرالار تەشۋىقاتىنى تۇتقا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش سىستېمىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تەشۋىقات خىزمىتى تورىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش، كەسپىي خادىملار ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەش، ساھە ۋەكىللىرى قاپلاپ سۆزلەش، تىپىك نەمۇنىچىلار يېتەكلەپ سۆزلەش، پۇقرا قابىللار ئۆزگىچە سۆزلەش»تەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى «خۇڭسەن ساداسى» تەشۋىقات ئۆمىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىستېرېئولۇق، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان تەشۋىقات چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. «خۇڭسەن ساداسى» تەشۋىقات ئۆمىكى قارىمىقىدا ئۆزگىچە تەشۋىقات ئەترىتىدىن 300دىن ئارتۇقى تەسىس قىلىندى، ئۇلاردا تايانچ تەشۋىقاتچىدىن 120سى، نەزەرىيە مۇتەخەسسىس تەشۋىقاتچىدىن 123ى، رەھبىرىي كادىر تەشۋىقاتچىدىن 2449ى، چولپان پۇقرا تەشۋىقاتچىدىن 1417سى، ئاساسىي قاتلام ئاممىسى تەشۋىقات تايانچىسىدىن 15 مىڭدىن ئارتۇقى بار.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۈلگە كۆرسىتىپ باشلامچى بولۇش، باشقا رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ سۆزلەش، تەشۋىقات ئۆمىكى ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەش، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ سۆزلەش، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر كىچىك دائىرىدە تەشۋىق قىلىش، پۇقرا تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى ھەمتۈرتكە بولۇپ سۆزلەش، تور بازىسىدا ھەر ۋاقىت سۆزلەش، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ بويىچە تۈرگە ئايرىپ سۆزلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پائالىيەتنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانا (كان رايونى، زاۋۇت)لارغا كىرگۈزۈش، ھەربىي گازارمىلارغا كىرگۈزۈش، تور بېكەتلىرىگە كىرگۈزۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكى بىلەن شىنجاڭ تەشۋىقات كادىرلىرى شۆيۈەنى 2019- يىلى 6- ئايدىن باشلاپ، بىرلىكتە ئۈچ قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا - بازارلاردىكى 360 تايانچ تەشۋىقاتچىنى مەركەزلىك تەربىيەلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ «ئىستېرېئولۇق ساداسى»نى شەكىللەندۈردى. 9- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پۇقرالار تەشۋىقات پائالىيىتى جەمئىي 170 مىڭ مەيدان قېتىم قانات يايدۇرۇلۇپ، 17 مىليون 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئامما تەربىيەلەندى.

قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش قىزىق نۇقتىنى تۇتۇش

باھار شامىلى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يار كەنتىدىكى ئەنۋەر غوجىنىڭ ئائىلىسىگە كىرگىنىمىزدە، گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، تەشۋىقاتچى ھەبىبىخان جاپپار ئەنۋەرگە «بىرگە بىر» تەشۋىق قىلىۋاتاتتى. «بۇ يىل 20 نەچچە مىڭ يۈەنلىك ھۆل ئۈزۈم ساتتىڭىز، چۈنچىدە يەنە 30 نەچچە مىڭ يۈەنلىك قۇرۇق ئۈزۈمىڭىز بار، شۇڭا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىڭىز ناھايىتى ياخشى، ئۆزىڭىز ئەمگەك بىلەن بېيىپلا قالماي، يەنە يۇرتداشلارنى باشلاپ بىرلىكتە ئىشلىشىڭىز كېرەك».

ئەنۋەر بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن بېشىنى لىڭشىتىپ، مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭىز، مېنى بەكمۇ ئىلھاملاندۇردىڭىز، تۇرمۇشۇمنى خۇددى ئۈزۈمگە ئوخشاش تاتلىق ھېس قىلدۇردىڭىز».

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، ھەبىبىخانغا ئوخشاش تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئاددىي تىل، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

تۇرپان شەھىرى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسى، ئاممىۋى خىزمەت «سىنلىق چوڭ تەشۋىقات»ىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

خوتەن ۋىلايىتى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەممە چۈشىنەلەيدىغان زاغرا تىل ئارقىلىق كۆپ خىل شەكىلدە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

«پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز قالاق ئىدىيە - قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتتۇق، ھەممەيلەن تىرىشىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى ئويلايمىز» دېدى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش تېمىسىدىكى تەشۋىقاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسى كاسا شاخلىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جۈمەنىيازخان مەخمۇت ھاياجانلانغان ھالدا.

كۆپ خىل شەكىل كىچىك پاراڭ تېمىسى

«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇش

باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاممىبابلاشتۇرۇش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكىلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، «رەقەم شەكلى» «تاماق تىزىملىكى شەكلى» «سېلىشتۇرۇش شەكلى» «سوئال - جاۋاب شەكلى» قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان تەشۋىقات شەكىللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەمدە پارتىيەنىڭ لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسەتلىرىنى ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاڭلاپ ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان سۆزلەرگە ئايلاندۇردى.

ھەرقايسى جايلار تەشۋىقات جەريانىدا مۇزىكا، كۈەيبەن، ئېتۇت قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈپ، «تەشۋىقات+» شەكلىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشۋىقاتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىقاتنى ئامما ئاڭلاشنى خالايدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئەستە تۇتالايدىغان قىلدى؛ «مىكرو تەشۋىقات»نى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كىچىك پاراڭ تېمىسى ئارقىلىق چوڭ باش تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىچىك ھېكايە ئارقىلىق چوڭ داۋلىنى شەرھلەپ، كىچىك كېسىك ئېغىزى ئارقىلىق چوڭ مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەمدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولدى.

توقسۇ ناھىيەسى ھېساب - كىتاب قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى، ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ تەربىيە قىلىش ئۇسۇلى، تۈرگە ئايرىپ تەشۋىق - تەربىيە قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق «يەتتە تۈرلۈك تەشۋىق - تەربىيە ئۇسۇلى» ئارقىلىق، شەكلى ھەر خىل، پۇقرالارغا ماس كېلىدىغان، قاراتمىلىققا ئىگە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇردى.

«ھازىر، بىز ھەممە ئائىلە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، ياخشى ئوزۇقلىنىۋاتىمىز، تۇرالغۇ شارائىتىمىز ياخشى، كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايمىز، بۇنىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىستىك پارتىيە بەرگەن. بىز قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز!» دېدى توقسۇ ناھىيەسى ئۆگەن يېزىسى قاراقۇم كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى رىزۋانەم نىياز تەشۋىقاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا - كەنتلەردىكى چوڭ كاناي، كۆچمە كىچىك كانايلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ «ياخشى ساداسى»نى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.

سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى لىن چۈنيەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پۇقرالار تەشۋىقات ئەترەتلىرىمىز كارخانا، مەكتەپ، يېزا - كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ قائىدىنى سۆزلەپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تۈرگە ئايرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشتۇرۇلغان، تۈزۈملەشتۈرۈلگەن تەشۋىقات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى