تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار يولى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بارلىق ئىلگىرىلەشلەردە، بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ قانچە يىراققا ماڭسىمۇ، قانچە شانلىق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

70 يىل ئىلگىرىكى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، يولداش ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانىدى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى. «بۇ بىر ئۇلۇغ ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار يولىغا قەدەم قويدى.» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، يېڭى جۇڭگو 70 يىلدا ياراتقان دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە مەردانە نەزەر سالدى، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

«خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ». جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ، چەكسىز ئىپتىخارلىق بىلەن دۆلەتنى بېيىتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلىدى. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئۈزلۈكسىز خارابلىشىشتىن تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ سىجىل مېڭىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«شەرق شامىلى باھارنى چىللاپ كېلىدۇ». 1978- يىلى 12- ئايدا، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، ھەيۋەتلىك باھار شامىلىدەك جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى.» پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ، ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تارىخنى ھەمىشە يىللارنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى. دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىلدىن ئارتۇق ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىكى سىجىل ئىزدىنىش داۋامىدا، پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشتىكى مۇقەررەر يول، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول. پارتىيەنىڭ يېڭى تارىخىي ئورۇندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئەڭ تۈپ بولغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەم بېكىنمە قاتمال كونا يولدا ماڭماي، شۇنداقلا بايراق ئالماشتۇرىدىغان قىڭغىر يولدىمۇ ماڭماي، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

شۇ ئىزلار ئاشۇ تاغنىڭ ھۆسنىگە بېرىپ زىننەت، بۈگۈن ئۇ كۆرۈنمەكتە تېخىمۇ گۈزەل - ھەيۋەت. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ راۋاجلاندى، يۈز مىليونلىغان خەلق قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئىرادىنى پۈكۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «بىز ئۆزىمىزنىڭ يولىدا ماڭساق، تەڭداشسىز كەڭ سەھنىگە ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولىمىز»!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى