تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىققان 19- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىشتا، پارتىيەمىز جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، نەدىمۇ سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولسۇن؟ نەدىمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولسۇن؟ نەدىمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولسۇن؟ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بۇ ھەم پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، ھەم پارتىيەمىزنى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچ پارتىيەمىزگە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى خىرىس، يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئامىللار ناھايىتى كۈچلۈك خەۋپ خاراكتېرىگە ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا، ھەم دەسلەپكى ئاساسنى پۇختىلاش، ھەم يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ھەم ئاچقۇچلۇق مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش، ھەم ئومۇمىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش، بولۇپمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشى، باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇشى، ئۆزى جەزمەن باشتىن - ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. قانداق قىلغاندا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولغان بولىدۇ؟ بۇنىڭدا دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، دادىللىق بىلەن سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالاپ، دادىللىق بىلەن كەسكىن ئىش كۆرۈپ، بالايىئاپەتنىڭ ياندىن چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ تۈپ ئەھمىيىتىدۇر.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئېتىقادتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، ئىقتىداردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى بارلىق خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، بىر خىل ئادەت يېتىلدۈرۈشى، بىر خىل مەنزىلگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.