تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 2- كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىلنى ئەسلىگىنىمىزدە، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئاجايىپ تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق، دوستانە ئۆتۈشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۆزئارا قەتئىي سىياسىي مەدەت بەردى، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقتا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر گۇرۇپپا چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ يىل 6- ئايدا، مەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بۇ مەزگىلدە مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي مۇساپىسىنى باشلىدۇق، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمەن، جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.

پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن ئەڭ سەمىمىي تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. دۆلىتىمىز تۇنجى بولۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەم دەرھال يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان دۆلەت. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئېنىق كۆرسىتىشكە بولىدۇكى، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىدىكى سىياسىي سۆزلىشىش مەزمۇنلىرى تولۇقلاندى ھەم ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلات رامكىلىرى ئىچىدە قويۇق ھەمكارلىشىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ تۈرتكە بولدۇق. ئىشىنىمەنكى، بىز ئورتاق تىرىشىپ رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەم پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز. قەدىرلىك دوستۇم، تېنىڭىزنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن. جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان ۋە سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەنمۇ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. مېدۋېدېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل بىز رۇسىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئېنېرگىيە، سانائەت، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، ئەمەلىي ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقى سىجىل كېڭەيدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.