تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ۋە ئامما نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ۋە ئامما نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ۋە ئامما نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتناشتى

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تيەنئەنمېن راۋىقىدا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى)

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى)

■ ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. بىز «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشى، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى ئۇلۇغۋار 70 يىل، يېڭى دەۋردە ئىلگىرىلەش. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيە، خەلق كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ۋە ئامما نامايىشى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن قاتناشتى.

كاتتا دۆلەت بايرىمى پەيتىدە، جۇڭگو زېمىنىدىكى ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، بارلىق خەلق شاد - خۇراملىققا چۆمدى. پايتەخت بېيجىڭ گۈلدەك ياساندى، بايراقلار لەپىلدىدى.

كۆك ئاسمان، ئىللىق قۇياش نۇرىدا، تيەنئەنمېن راۋىقى ھەيۋەتلىك، كۆركەم كۆرۈنەتتى. راۋاق قىزىل تېمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ كەڭ ئەنلىك رەڭلىك رەسىمى ئېسىلغانىدى. راۋاق پېشايۋىنىدىكى سەككىز چوڭ قىزىل پانۇس كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى، شەرق - غەربتىكى سۇپىدا سەككىز قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەپ، خۇشال بايرام كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى «قىزىل لېنتا» باش تېما كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، جانلىق بولۇپ، قىزىل گېننىڭ تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، ئۇلۇغ ئىنقىلاب پېشۋاسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ رەسىمى تىكلەپ قويۇلغان بولۇپ، غايەت زور «دۆلەت بايرىمى» «1949» «2019» ئىستېرېئولۇق خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شاد - خۇرام مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەئىس سەھنىسىگە كېلىپ، مەيداننىڭ كۆرۈش سۇپىسىدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا سائەت ماياتنىكىنىڭ كۆرۈنۈشى كۆرۈندى. 1949، 1959، 1969... 2019، سائەت ماياتنىكىغا ئەگىشىپ يىل سانى تەرتىپ بويىچە نامايان بولدى. ۋاقىت مەلۇم قىلىش قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى، سائەت دەل 10دا، تەبرىكلەش يىغىنى باشلاندى.

ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، 70 پاي ھۆرمەت توپى يەر - جاھاننى لەرزىگە كەلتۈردى، دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مۇھاپىزەت قىلىپ، مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن مەيداننىڭ شىمالىدىكى بايراق چىقىرىش رايونىغا يۈرۈپ كەتتى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىرى ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدا جەۋلان قىلدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانىدى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى. بۇ بىر ئۇلۇغ ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار يولىدا ماڭدى. 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. بىز «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشى، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

سائەت 10دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەربىي پارات مۇراسىمى باشلاندى، بايراقدار ئەسكەرلەر تەييارلاندى، ھەربىي ئوركېستىر ھەربىي پارات مۇراسىمىنى باشلاش بۇرغىسىنى چالدى. شى جىنپىڭ خۇڭچى ماركىلىق ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، جىنشۈي كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، چاڭئەن كوچىسىغا قاراپ ماڭدى. ھەربىي پاراتنىڭ باش قوماندانى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى يى شياۋگۇاڭ ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ سەپ تۈزەشنى تاماملىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىمنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە جەۋلان قىلدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بايراققا نەزەر سالىمى بەردى.

ھەيۋەتلىك ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن كەڭ، ئازادە چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ، تەرتىپ بويىچە 15 پىيادىلەر چاسا ئەترىتى، 32 قورال - جابدۇق چاسا ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان 15 مىڭغا يېقىن ئوفىتسېر - ئەسكەر رەتلىك تىزىلىپ چاسا سەپ تۈزۈپ، جەسۇر قىياپىتىنى نامايان قىلدى. پاراتتىن ئۆتىدىغان 580 قورال - جابدۇق قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندىكى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىپ قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىشى.

پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر قىزغىن ھاياجانغا تولدى. «يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر!» «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ئارمىيەدىكىلەرنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. «رەئىس ياخشىمۇ سىز!» «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!» پاراتتىن ئۆتكەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جاۋاب قايتۇرغان جاراڭلىق ساداسى كۆكتە ئۇزاققىچە ياڭرىدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن تيەنئەنمېنگە قايتىۋاتقاندا، پاراتتىن ئۆتىدىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يۇقىرى ئاۋازدا بىردەك: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز! غەلىبىلىك جەڭ قىلالايمىز! ئىستىلنى ياخشىلايمىز!»دەپ توۋلىدى.

كۆزدىن كەچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى.

سائەت 10دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، ھاۋا بوشلۇقىدىكى بايراق مۇھاپىزەت قىلىش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى سەپكە ئايرىلىپ پاراتتىن ئۆتۈشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرىم - ئايرىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقىنى ئېسىپ، باشقا تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن سەپ تۈزۈپ، تيەنئەنمېننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن 20 تىك ئۇچار ئايروپىلان ھاسىل قىلغان غايەت زور «70» خەت شەكلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىگە سىمۋول قىلىندى.

تيەنئەنمېن ئالدىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەرقىي چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن مېڭىپ كەلدى. ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن رەھبەرلىك - قوماندانلىق چاسا ئەترىتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، راكېتا ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئەگىشىپ مېڭىپ، پولات سېپىلنىڭ دەۋر خىسلىتىنى نامايان قىلدى؛ ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم چاسا ئەترىتى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى چاسا ئەترىتى، مەكتەپ - پەن تەتقىقات چاسا ئەترىتى، مۈلكى خادىملار چاسا ئەترىتى تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىمىلىق پاراتتىن ئۆتۈشتە نامايان بولۇپ، ئىسلاھات قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يېڭىچە قىياپەتنى كۆرسەتتى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم چاسا ئەترىتى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، سادىق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى؛ ئايال ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى مەردانە قىياپەتتە مېڭىپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان جەسۇرانە ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى؛ زاپاس ئەسكەرلەر قىسمى چاسا ئەترىتى، خەلق ئەسكەرلىرى چاسا ئەترىتى پاراتتىن ئۆتۈش مەيدانىدا نامايان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈردى؛ تىنچلىق ساقلاش قىسمى چاسا ئەترىتى ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ھالدا جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق قالقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوشقان تۆھپىسى ۋە كۈچىنى گەۋدىلەندۈردى... 15 پىيادىلەر چاسا ئەترىتى ھەيۋەت بىلەن مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىن تەرتىپ بىلەن ئۆتۈپ، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.

100 قىپقىزىل جەڭ بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، جەڭ بايرىقى چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايان بولدى. خەلق ئارمىيەسىنىڭ گېن تومۇرى مەڭگۈ يوقالمايدۇ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. موتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى. 32 قورال - جابدۇق چاسا ئەترىتى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش، دېڭىزدا جەڭ قىلىش، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، ئۇچۇر ئۇرۇشى، ئادەمسىز جەڭ قىلىش، ئارقا سەپ قورال - جابدۇق كاپالىتى، ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش قاتارلىق يەتتە بۆلەككە بۆلۈنۈپ، بىرلەشمە ئۇرۇشنىڭ تۈزۈلۈشى بويىچە گۈركىرىگەن ئاۋازدا يېتىپ كېلىپ، پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. بۇ قېتىمقى پاراتتىن ئۆتكەن قورال - جابدۇقنىڭ ھەممىسى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، %40ى تۇنجى قېتىم ئېلىپ چىقىلدى. تانكا، ئۇرۇش ماشىنىسى، زەمبىرەك، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان...دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت - ئابرۇيى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايدىغان بۇ قورال - جابدۇقلار تيەنئەنمېن راۋىقى ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتتى، قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.

بۈركۈت قاناتلىرىنى كېرىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدى. سائەت 11دىن 23 مىنۇت ئەتراپىدا، 11 ھاۋا بوشلۇقى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى يىراقتىن غۇيۇلداپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ نەزەرى تيەنئەنمېننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تىكىلدى. يېتەكچى ئايروپىلان پەلەمپەيسىمان ئەترىتى يەتتە يول رەڭلىك ئىس سىزىغى چىقىرىپ ھاۋا بوشلۇقى پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. سىگنال بېرىش قوماندانلىق ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، دېڭىز ئۈستى چارلىغۇچى ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، تىرانسپورت ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، ياردەم كاپالىتى ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، بومباردىمانچى ئايروپىلان پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، ماي قاچىلاش ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، پاراخوت ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، قىرغۇچى ئايروپىلان پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن تۇيۇقسىز زەربە بېرىش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى تەرتىپ بويىچە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ ئۆتتى. تىرېنېر ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى يەتتە رەڭدار لېنتا تارتىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بەخت تىلىدى.

پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ ھەربىيچە قىياپىتىنىڭ رەتلىكلىكى، ھەربىيچە سالاپىتىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار توختىماي چاۋاك چالدى، نەق مەيداندا مۇراسىم كۆرۈۋاتقان ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ روھى ئۇرغۇپ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

سائەت 11دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، مەيداندىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى» «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» قاتارلىق شوئارلار پەيدا بولدى، نەق مەيداندا خور ئۆمىكى «بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، جۇڭگو»نى ئېيتىپ، «بىر نىيەتتە بولۇپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئاممىۋى نامايىشنى باشلىدى.

نامايىش «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» «ئۇلۇغ گۈللىنىش»تىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنۈپ، 100 مىڭ ئامما، 70 گۇرۇپپا رەڭلىك ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن 36 چاسا ئەترەت ۋە ئۈچ كۆرۈنۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ مۇساپىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى چىن قەلبىدىن مەدھىيەلەيدىغانلىقى ۋە چىن ھېسسىياتى بىلەن قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

كەڭ ئەنلىك دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن 1949 نەپەر ياشتىن تەشكىللەنگەن دۆلەت بايرىقى چاسا ئەترىتى ئالدى بىلەن يېتىپ كەلدى، 70 يىل ئىلگىرى، تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلگەنىدى. ئارقىدىن يېتىپ كەلگىنى 2019 نەپەر ياشتىن تەشكىللەنگەن دۆلەت بايرىمى يىل نامى ۋە دۆلەت گېربى چاسا ئەترىتى. 1949دىن 2019غىچە، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولى خاتىرىلەنگەنىدى؛ مۇقەددەس دۆلەت گېربى بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە كۈچىگە سىمۋول قىلىندى. «قىزىل بايراققا مەدھىيە» مۇزىكىسى ياڭرىدى، 21 مېھمان كۈتۈش ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن ھۆرمەت بىلدۈرۈش چاسا ئەترىتى ئاستا - ئاستا يېتىپ كەلدى. ئاپتوموبىلدىكىلەر بولسا پېشقەدەم پارتىيە ۋە دۆلەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم قۇرغۇچىلار ۋە ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم ئارمىيەدىن چېكىنگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار، خەلق ئەسكەرلىرى قەھرىمان نەمۇنىچىلىرى ۋە ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى. بىر ئۈمىدلىك مىللەتتە قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارت بولمىسا بولمايدۇ. بۈگۈن بىز مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قەھرىمانلىرى ۋە ئاۋانگارتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.

بىرىنچى سەھىپە «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش» «يېڭى دەۋر ئېچىش» «قانلىق جەڭ قىلىش» «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشى» «ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش» «جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش» بەش چاسا ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن. قىزغىن، شادلىققا تولغان ئۇسسۇل، يېقىملىق، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيە، ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان ئوردېن، تارىخنى قايتا نامايان قىلغان ھەيكەللەر كىشىلەرنىڭ ئوي - خىيالىنى يېڭى دەۋر ئاچقان ۋاقىتقا، ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان ئاشۇ يىللارغا، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاشۇ دەۋرلەرگە قايتۇرۇپ كەتتى. نامايىشچىلار ئەترىتى ماۋ زېدۇڭنىڭ كەڭ ئەنلىك رەسىمىنى چۆرىدەپ تيەنئەنمېندىن ئۆتكەندە، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى. بىرىنچى سەھىپە كۆرۈنۈشلۈك ئىلگىرىلەش «ياشىسۇن ياشلىق»تا ئاخىرلاشتى، يىگىت - قىزلار ۋېلىسىپىت مىنىپ غۇيۇلداپ ئۆتۈشتى، قىزىل ئۇزۇن رومال ھەرىكەتلىنىپ ئارزۇ چەمبىرىنى ھاسىل قىلىپ، دەۋر مەنزىرىسىنى سۈرەتلىدى.

ئىككىنچى سەھىپە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» «ھالقىلىق تاللاش» «ئۈمىدلىك دالا» «باھار دولقۇنى ئۆركەشلىمەكتە» «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش» «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» «ئەسىر ھالقىش» «ئىلمىي تەرەققىيات» «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش» «ئولىمپىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» توققۇز چاسا ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقى نامايىشچى ئاممىنىڭ چېھرىدە ئەكس ئەتكەنىدى. شەكلى مول، مەنىسى چوڭقۇر ھەربىر بېزەكلىك ئاپتوموبىل، ياڭراق، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ھەربىر جۈملە شوئار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ھەيۋەتلىك سەھىپىلەرنى نامايان قىلدى. نامايىشچىلار ئەترىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ كەڭ ئەنلىك رەسىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا تيەنئەنمېندىن ئۆتكەندە، پۈتۈن مەيداندا قايتا - قايتا قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى. ئىككىنچى سەھىپە كۆرۈنۈشلۈك ئىلگىرىلەش «شەرقتىكى ھەيۋەتلىك شىر»دا ئاخىرلاشتى. جۇڭگو گۇمپىسى ۋە شىر ئويۇنى قالتىس ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ دۇمباق ئاۋازى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيتتى.

ئۈچىنچى سەھىپە «ئۇلۇغ گۈللىنىش» 18 چاسا ئەترەتتىن تەشكىللەنگەن. شى جىنپىڭنىڭ كەڭ ئەنلىك رەسىمىنى چۆرىدىگەن «ئۇلۇغ گۈللىنىش» چاسا ئەترىتى يېتىپ كەلگەندە، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە ئەۋجگە چىققان تەنتەنە سادالىرى پۈتۈن مەيداندا ياڭراپ، ئامما نامايىشىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئارقىدىن كەلگەن «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش» «رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش» «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» «دېموكراتىك - قانۇنچىللىق» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» «قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش» «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى» «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» «گۈزەل تۇرمۇش» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ» «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» «پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق» قاتارلىق چاسا ئەترەتلەر پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشقا ئاشۇرغان تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى؛ «جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» چاسا ئەترىتى غايەت زور سۇمۇرغ شەكىللىك بېزەكلىك ئاپتوموبىلى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ بېزەكلىك ئاپتوموبىللىرىنى باشلاپ تەرتىپ بويىچە تيەنئەنمېندىن ئۆتۈپ، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ «يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىش» چاسا ئەترىتى «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شانلىق قىرغىقىغا قاراپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئۈچىنچى سەھىپە كۆرۈنۈشلۈك ئىلگىرىلەش «بىر نىيەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىش»تا ئاخىرلاشتى، 2019 نەپەر پىيونېردىن تەشكىللەنگەن ئىلگىرىلەش ئوركېستىرى جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى مارشىنى ياڭرىتىپ، گۈللىنىش ئارزۇسىنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا جەزمەن رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامما نامايىشى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئەڭ ئاخىرقى بىر چاسا ئەترەت «ياشىسۇن ۋەتەن» تيەنئەنمېنگە قاراپ ماڭدى. «مەن ۋەتىنىمدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايمەن...» يېقىملىق ناخشا، تەسىرلىك ئۇسسۇل قىياپىتى، پارلاق تەبەسسۇم ئانا ۋەتەنگە ئەڭ قىزغىن مەدھىيە ۋە ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تەقدىم قىلدى.

70 مىڭ تىنچلىق كەپتىرىنىڭ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىغا ئەگىشىپ، 70 مىڭ شار كۆككە كۆتۈرۈلدى، «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» جۇشقۇن مۇزىكا، ناخشا ساداسى پۈتۈن مەيداندا ياڭرىدى، نامايىشچى ئامما تيەنئەنمېن راۋىقى تەرەپكە قاراپ تەنتەنە قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ئاممىسىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. راۋاقنىڭ ئۈستى - ئاستى ھەقىقىي ھېسسىيات گىرەلەشكەن قەلب كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇردى، مەيدان ئىچى - سىرتى خۇشاللىق دېڭىزىغا ئايلاندى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئورتاق تىلىدى.

تەبرىكلەش يىغىنى ئىككى سائەت 40 مىنۇت داۋاملىشىپ، سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى رۇيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ۋە چى خاۋتيەن، جياڭ چۇنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، پېڭ پېييۈن، لى تيېيىڭ، خې لۇلى، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، ۋۇيۈنچىمۇگې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، ئىسمايىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، لياڭ گۇاڭليې، چاڭ ۋەنچۈەن، خەن جۇبىن، جيا چۇنۋاڭ، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۈيشيەن، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن ھەمدە لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ۋە فۇ چۈەنيوۋ، يۈ يۇڭبو، ۋاڭ كې، چېن بىڭدې، لى جىنەي، چياۋ چىڭچېن، جىڭ جىيۈەن، جاۋ كېشى، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن، ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇر خې يىچېڭ بار.

بېيجىڭدىكى مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى، «1- ئاۋغۇست» تۆھپە ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، 11- ئەۋلاد بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇ، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ جورىلىرى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نەپىقە بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى، ئادەتتىكى ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

بېيجىڭدىكى مۇھىم چەت ئەللىك مېھمانلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.