تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋەتىنىمىزگە بەخت تىلەيمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان كۈرەش قىلىش تارىخىي داستانى! بۇ، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ مۆجىزە!

ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە، 70 يىل كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بولغان، جاھان ئۆزگەرگەن 70 يىل. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى.

«مۇشۇ پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى چەكسىز خۇشال كەيپىيات بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئىپتىخارلانماقتا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىمەكتە.» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 70يىل ئىلگىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ، 70 يىلدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ماختاپ، ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى جاكارلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋاملىق «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

يىللار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى. 70 يىل ئىلگىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭ دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى. 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. تۈنۈگۈننى ئەسلەپ، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىگە نەزەر سالغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي داستانلاردىكىدەك ئالغا ئىلگىرىلىشىگە قانداقمۇ چىن قەلبىدىن مەدھىيە ئوقۇماي تۇرالىسۇن، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قانداقمۇ چىن قەلبىدىن بەخت تىلىمەي تۇرالىسۇن!

ۋەتىنىمىزدىن ئىپتىخارلىنىشتا بىزنىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك ئاساسىمىز بار. دۆلىتىمىز نامرات، قالاق، پۈتۈن جىسمىنى جاراھەت قاپلىغان ھالەتتىن قەدەم ئېلىپ، 70 يىللىق جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، «گۈللىنىش ناملىق» پويىز 350 كىلومېتىرلىق سائەتلىك سۈرئەت بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭدى، جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەڭ يېڭى، ئەڭ گۈزەل خەتلەر بار، ھەممىلا يېرىدە ئەڭ يېڭى، ئەڭ گۈزەل سۈرەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتى، تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىڭلىغان تاغۇ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى نېمىدېگەن تەس، نېمىدېگەن قالتىس!

ۋەتەنگە بەخت تىلەشتە بىزنىڭ چەكسىز مۇستەھكەم ئېتىقادىمىز، غايىمىز، ئىشەنچىمىز بار. «تېشىلگەن كېمە»دىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا قاراپ مېڭىش، «ھالاك بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش»تىن بېيىشقا قاراپ مېڭىش، «تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش»تىن قۇدرەت تېپىشقا قاراپ مېڭىش، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چۈشكۈنلىشىشتىن جاسارەت بىلەن قەدەم ئېلىش، ئازاب - ئوقۇبەتتىن شانلىقلىققا ئۆتۈشتەك تەقدىر بۇرۇلۇشىنى ياراتتى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئالدىمىزغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، جۇڭگو خەلقى چوقۇم تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور شان - شەرىپىنى قۇچالايدۇ.

70 يىل قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، توققۇز مىڭ گەز كۆكتە ئەنقا پەرۋاز قىلماقتا. «جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.» بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى