جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

(2019- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى)

شى جىنپىڭ

پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلار،

يولداشلار، دوستلار:

بۈگۈن بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتىمىز. مۇشۇ پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھەممىسى چەكسىز خۇشال كەيپىياتقا تولدى، ھەممە بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلىنىدۇ، ھەممە بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چىن دىلىدىن بەخت تىلەيدۇ.

بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەتەننى سۆيىدىغان قېرىنداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانىدى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى. بۇ بىر ئۇلۇغ ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار يولىدا ماڭدى.

70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

يولداشلار، دوستلار!

ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشى، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، «ئىككى 100يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!

ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى!

ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى!

ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.