تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ

تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىمى كېچىسىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى

10- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (شېڭ جياپېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى يىللار ناخشىدەك تېز ئۆتتى، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ چەكسىز ئىپتىخارلىقى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز؛ ئۇنتۇلغۇسىز بۈگۈنكى كېچە، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشمىز. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىمى كېچىسىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى.

ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭدا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ھەممە جاي بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدىن جىنشۈي كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي بېشىغىچە، چوڭ تىپتىكى «قىزىل لېنتا» باش تېما كۆرۈنۈشى، ئالاھىدە نۇر چاچىدىغان يەتتە «ساليۇت دەرىخى»، LED چوڭ تور ئېكرانى، قولىدا «نۇرلۇق ئېكران» كۆتۈرۈپ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشقا قاتناشقان 3000دىن ئارتۇق ئامما ھەمدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ يادرولۇق رايونىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك رەڭدار تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. ئامما بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش رايونىدىن ئونى چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە ئونمىڭ ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جۇمھۇرىيەتكە ئاپىرىن ئېيتتى، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلىدى.

سائەت 19دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەئىس سەھنىسىگە كېلىپ، مەيداندىكى ئاممىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى كۆتۈرۈلدى.

سائەت دەل 20دە، تېلېگرامما بىناسىدىن يېقىملىق «شەرق قىزاردى» مۇزىكىسى ياڭرىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شەرقتە جيەنگومېندىن غەربتە فۇشىڭمېنغىچە، 70 ساليۇت تەرتىپ بويىچە كۆككە ئېتىلىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدا يىغىلدى. مەيدان ئاسمىنىدا «70» دېگەن رەقەمنى شەكىللەندۈرگەن ساليۇت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن مەدھىيەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، باش تېما ئويۇنى، مەركىزىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى، ئامما بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ۋە ساليۇت ئويۇنىدىن تەركىب تاپقان.

مۇقەددىمە «قىزىل بايراققا مەدھىيە» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ھەيۋەتلىك ھۆرمەت توپى ئاۋازى ۋە ياڭراق سىمفونىيە ساداسى ئىچىدە، 3000دىن ئارتۇق ئويۇن قويغۇچى بىر يەرگە جەم بولۇپ، زور بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى شەكىللەندۈردى. كۆك ئاسمان ئاق بۇلۇت ئاستىدا، قارلىق تاغ چوققىلىرىدا ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقانلىقى؛ بىپايان زۇمرەتتەك دولقۇندا، خادا تاش ئاراللىرىدا ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقانلىقى؛ بىپايان يۇلتۇزلۇق ئاسماندا، «شېنجوۋ» ئالەم كېمىسىدە، دۆلەت بايرىقىنىڭ سۈرىتى كۆرۈنۈشتە جانلىق ئەكس ئەتتى... «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئۇزۇنلۇقى 90 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان زور دۆلەت بايرىقى مەيدان ئاسمىنىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق سەن مېنىڭ پەخرىم؛ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق سەندىن ئىپتىخارلىنىمەن. 3000دىن ئارتۇق ئويۇن قويغۇچى ساليۇت كۆتۈرۈپ «ياشىسۇن ۋەتەن» دېگەن خەتنى شەكىللەندۈرگەندە، ھەر مىللەت ئامما تيەنئەنمېن مەيدانى مەركىزىگە قاراپ سۈرۈلدى، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، تەڭلا «ياشىسۇن ۋەتەن» دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

1- بۆلەك «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز»دا، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىكى كۈرەش ناخشىسى ياڭرىتىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرغان جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى. ياڭراق دۇمباق ساداسى، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان جۇشقۇن ئۇسسۇل، تالا - تالا قىزىل گۈللۈك لېنتىلاردىن بىر غايەت زور جۇڭگو تۈگۈچى تۈگۈلۈپ، كىشىلەر ئەڭ قىزغىن ئۇسۇلدا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. موڭغۇل مىللىتىنىڭ «مەدھىيە ناخشىسى»، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي» «بېيجىڭنىڭ ئالتۇن تېغىدا»، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «ياشلىق كۈيى»، چاۋشيەنزۇ مىللىتىنىڭ «قىزىل قۇياش چېگرا رايوننى يورۇتتى»، جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ «تاغ ناخشىسى ئارقىلىق سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن»، خۇيزۇ مىللىتىنىڭ «گۈل ۋە ئۆسمۈر»... ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، تەڭ تەنتەنە قىلىپ، تەڭ شادلاندى. «ياشلىقتىكى دوستلۇق ۋالىسى»نىڭ مېلودىيە ساداسى ئىچىدە، مەيداننىڭ كېچە ئاسمىنىدا چىراغلار ۋالىلداپ يېنىپ، كۆزنى چاقنىتاتتى. شىۋىرغانلىق تاغ چوققىلىرىدىن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگىچە، كەڭ دالىدىن كۆپكۆك دېڭىز - ئوكيانغىچە، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركۈم - تۈركۈم قۇرۇلۇش چوڭ قوشۇنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا ئاتلاندى.

2- بۆلەك «ئۈمىدلىك دالىدا» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدەك جۇڭگو زېمىنىنى ئىللىتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. 20- ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى «مېنىڭ ۋەتىنىم»، 60- يىللىرىدىكى «گۈل غۇنچىلار قۇياشقا تەلپۈنىدۇ»، 70- يىللىرىدىكى «جۇڭگو، جۇڭگو، قىپقىزىل قۇياش مەڭگۈ پاتمايدۇ»دىن... يېڭى ئەسىردىكى «نۇرلۇق يولدا»غىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھەرقايسى مەزگىللەردىكى كىلاسسىك ناخشىلارغا تەڭكەش قىلىپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشقا قاتناشقان ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئەلئارا مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. «بېيجىڭدىن تارقالغان خۇش خەۋەر چېگرا كەنتىگە يېتىپ كەلدى»نىڭ مېلودىيەسىگە تەڭكەش بولۇپ، ساليۇتلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، رەڭگارەڭ نۇر چاچتى. ئۈمىدلىك دالىدا، بىز بىر جۈپ قولىمىز بىلەن گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. مەيىن شامالدىكى بۇلۇتلار باھار يامغۇرىغا ئايلىنىپ، مۇنبەت دالىغا تۆكۈلدى، ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنغان يۇمران مايسىلار تۇپراقنى يېرىپ ئۈنۈپ چىقىپ، بىخ سۈرۈپ يوپۇرماق چىقىرىپ، پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخكە ئايلىنىپ، مول مېۋە بەردى. «ساليۇت دەرىخى»دە بالىلىق قەلب، بالىلىق قىزىقىشقا تولغان «بەختلىك يۇرت - ماكان»نىڭ ھەرىكەتچان سۈرىتى ھاسىل بولدى.

3- بۆلەك «يېڭى دەۋرگە يول باشلاش»تا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ رەڭگارەڭ ئارزۇسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شامالنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى. رەڭلىك چاقپەلەك، ئايلانما نۇر ھالقىسى، قايناق ھېسسىياتلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى، جۇشقۇن يۈگۈرۈش، يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن، يېڭى دەۋرنىڭ بەخت مەنزىرىسىدە، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشقا قاتناشقان ئامما تەڭ ناخشا ئېيتىپ، بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى. مۇزىكىلىق ساليۇت «يېڭى دەۋر ۋالىسى»دا، نۇرغۇن جانلىق كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ مەردانىلىكى ۋە شان - شەرىپى يېشىپ بېرىلدى. گۈل غۇنچىلىرىدىن جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ئېچىلدى، گۈل بەرگىلىرىدە يېڭى دەۋرنىڭ قاينام - تاشقىنلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، رەڭگارەڭ گۈل بەرگىلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئاپئاق كەپتەرگە ئايلاندى. كەپتەرلەرنىڭ پەرۋاز ئىزىدا، يەر شارى شەكلىدىكى مەركەزداش چەمبەر ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن مېردىيان، پاراللېل سىزىق ئۇزۇنىسىغا، توغرىسىغا كېسىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يىغىن بەلگىسىنى شەكىللەندۈردى. مەركەزداش چەمبەر بىر غايەت زور كۈلۈمسىرىگەن چىرايغا ئۆزگەردى، ئارقىدىن 3000دىن ئارتۇق كۈلۈمسىرىگەن چىرايغا ئۆزگىرىپ، «يېڭى دەۋر» غايەت زور سۈرىتىنى شەكىللەندۈردى. ئويۇن قويغۇچىلار قولىدىكى ساليۇتنى ياندۇرۇپ، «يېڭى دەۋر» دېگەن خەتنى تېخىمۇ چاقناتتى. «ساليۇت دەرىخى»دە باياشاتلىققا، گۈللىنىشكە، قۇتلۇق ئۈمىد - ئارزۇغا سىمۋول قىلىنغان «پورەكلەپ ئېچىلغان مودەنگۈل»نىڭ ھەرىكەتچان سۈرىتى ھاسىل بولدى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشقا قاتناشقان ئامما بۇ گۈزەل مەنزىرىگە سىڭىشىپ، قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشا ساداسى ئارقىلىق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق»نىڭ قەلب سىمفونىيەسىنى مۇجەسسەملىدى. ھەر مىللەت قېرىنداشلار، ھەر ساھە ئامما كۇەيشەن شەكلىدە، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلدى. «تەڭ تەنتەنە قىلىپ، تەڭ شادلىنىپ، تەڭ تىلەك تىلەش» دېگەن ناخشا ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ، كىشىلەر خۇشال ناخشا ئېيتىپ، قىزغىن ئۇسسۇل ئويناپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

«جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇقەدەر ياڭراق...»

بۈگۈن كەچ، بارلىق ناخشا - مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل ئىپادىلەش مۇجەسسەملەندى − ۋەتەن كۈيلەندى؛ بۈگۈن كەچ، تاغ - دەريالاردا بىر سادا ياڭرىدى − ياشىسۇن خەلق.

شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار پۈتۈن مەيداندىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. «ساليۇت دەرىخى»دە «گۈللەپ ياشناش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان توزنىڭ سۈرىتى ھاسىل بولدى، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئاسمىنىدا رەڭگارەڭ ساليۇتلار چاقنىدى. شۇ دەقىقىدە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ كەيپىياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

سائەت 21دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. مەيداندا، تەسىرلەنگەن كىشىلەر يەنىلا خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئىلكىدە ئۇزاققىچە ئايرىلغۇسى كەلمىدى...

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، لى رۇيخۇەن، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ۋە جياڭ چۇنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، پېڭ پېييۈن، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، ۋۇيۈنچىمۇگې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، جاڭ باۋۋېن، لياڭ گۇاڭليې، چاڭ ۋەنچۈەن، جيا چۇنۋاڭ، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى مېڭ، بەي لىچېن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ ھەمدە لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ۋە فۇ چۈەنيوۋ، يۈ يۇڭبو، چېن بىڭدې، لى جىنەي، چياۋ چىڭچېن، جىڭ جىيۈەن، جاۋ كېشى، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن، ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇر خې يىچېڭ بار.

بېيجىڭدىكى مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەنلەر، «1- ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەنلەر، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، 11- ئەۋلاد بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇ، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ جورىلىرى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نەپىقە بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى، ئادەتتىكى ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بېيجىڭدىكى مۇھىم چەت ئەللىك مېھمانلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ تەكلىپكە بىنائەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.