تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىكى ساياھەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىكى ساياھەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇلازىمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ راھەت ھېس قىلىش دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشى كېرەك. بازار تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمىتى مۇھىتى ۋە ساياھەت مۇلازىمىتى بازىرى تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك؛ قاتناش - يول يۈرۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە جەھەتتە رايون ئىچىدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتا شەھەرلىرى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ ئۇچۇش، چاتما ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش، تۆمۈريول جەھەتتە پويىزنىڭ قاتناش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تاشيول جەھەتتە ساياھەت تاشيولى ئايلانما لىنىيەسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ساياھەت تۈگۈنلىرىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ ئۇچۇر مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رادىيو، تېلېۋىزىيە، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋە يېڭى تاراتقۇ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دەم ئېلىش كۈنىدىكى ساياھەت قاتنىشى، ھاۋارايى ئۇچۇرلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەتچىلەر زىچ توپلىشىدىغان رايونلارنىڭ ئالدىن ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك؛ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇلازىمەت قىلىش، كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ «غىزالىنىشى، قونۇشى، يول يۈرۈشى، ساياھەت قىلىشى، مال سېتىۋېلىشى، كۆڭۈل ئېچىشى»نى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىنى شاد - خۇرام، ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى