تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داخۇاڭشەن - ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى دەۋرىگە قەدەم قويدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياساش تۈرى ۋە ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياساش تۈرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، قاتناش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياساش تۈرى نەق مەيدانىدا ئىشچىلارنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈپ، بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

داخۇاڭشەن - ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇقلۇق يولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شىنجاڭنى ئىچكىرى رايونلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان «چوڭ تومۇر». لېكىن بۇ ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئىشلىتىلگىنىگە كۆپ يىل بولغاچقا، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قاتناش مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، يول مۇلازىمەت سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كەتكەن. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇش، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ قاتناش بېسىمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى داخۇاڭشەن - ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىدى، بۇ تۈر ئەسلىدىكى يول ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى تۆت ئاپتوموبىل يولى سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياسالدى، ئومۇمىي مۇساپىسى 359 كىلومېتىر.

شىنجاڭ جيۇجوۋ خېڭچاڭ تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدە 1300دىن ئارتۇق تىرانسپورت ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا كۆپ مىقدارلىق ماللارنى توشۇيدۇ. كېڭەيتىلگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا قاراپ، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جياڭ چيۇيې خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشى تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپلا قالماي، توشۇش تەننەرخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ».

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ كادىرى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: داخۇاڭشەن - ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياساش تۈرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۈندىلىك قاتناش ئىقتىدارى ئەسلىدىكى 40 - 30 مىڭ ئاپتوموبىلدىن 100 - 80 مىڭ ئاپتوموبىلغا كۆپىيىپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز G7، G30دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يولنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى كۆپلىگەن تۈر قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، «شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش» نىشانىنىڭ تېز ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى