تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

9- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئەمدىلا 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، تىرېنېرلار ۋەكىللىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدى ھەم يىغىندىن بۇرۇن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ خۇا فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جۇ جىچەي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئەمدىلا 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، تىرېنېرلار ۋەكىللىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدى ھەم يىغىندىن بۇرۇن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، تىرېنېرلار ۋەكىللىرى خەلق سارىيىنىڭ فۇجيەن زالىغا كىردى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. يېتەكچى ۋە تىرېنېر، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن، سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 13- نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، سىلەر 11 مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىشتەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيونلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردۈڭلار. سىلەر كۈچلۈك رەقىبلەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، خىسلىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، سەۋىيەيىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار، بىر ئايلانما بۇرۇنلا چېمپىيونلۇقىڭلار بېكىتىلىپ بولغان ئەھۋالدا، سىلەر ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە قىلچە بوشاڭلىق قىلمىدىڭلار، رەقىبىڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزۈڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ھەربىر توپنى ياخشى ئويناشتا چىڭ تۇرۇپ، ئولىمپىك روھى ۋە جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ناھايىتى ياخشى شەرھلىدىڭلار. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 5- قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 10- قېتىم دۇنيا ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ «ئۈچ چوڭ مۇسابىقە»سىدە چېمپىيونلۇقنى شەرەپ بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مىللىي ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى سىلەرگە دىققەت قىلدى، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە مىليونلىغان خەلق سىلەرگە مەدەت بەردى. 38 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەنىدى، مىليونلىغان تاماشىبىننىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى «ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون» بولغاندا، ھەممە كىشى ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەنىدى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى ياخشى كۆرۈشى سىلەرنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىڭلاردىنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، سىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، مەڭگۈ يېڭىلمەسلىكتەك روھىي قىياپىتىڭلارنى نامايان قىلغىنىڭلاردىن بولدى. ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى بىر دەۋرنىڭ روھىغا ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى. ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يېتىلدۈرىدۇ. سىلەر ھەر كۈنى مەشىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىشىڭلارنى چىشلەپ يارىلىنىش ۋە ئاغرىقنى يېڭىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۈن - تىنسىز بەرداشلىق بەردىڭلار، بولۇپمۇ پەسكوي ھالەت مەزگىلىدىمۇ يەنىلا بىر تۈركۈم كىشى ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلىپ، جاۋابقا ئېرىشىش بىلەن ھېسابلاشمىدى. دەل مۇشۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەر بولغاچقا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى قولغا كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا، ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تېپىش زۆرۈر. تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ داۋاملىق غەيرەت قىلىشىنى، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرنىڭ دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا ئىنتىزارمەن.

2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 11 مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىشتەك ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قالدى. باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ھەم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، تىرېنېرلىرى ئىنتايىن ھاياجانلاندى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئۈچۈن زور ئىلھام. چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز جان تىكىپ ئېلىشىپ، كۈرەش قىلىپ، يېڭى، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.