جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى)

شى جىنپىڭ

خانىملار، ئەپەندىلەر،

يولداشلار، دوستلار:

ئالتۇن كۈزنىڭ سالقىن شامىلى چىقىپ تۇرغان بۇ گۈزەل پەسىلدە، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. مۇشۇ پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىزنىڭ ئۇلۇغ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكتە، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي داستانلاردىكىدەك ئالغا ئىلگىرىلىشىنى مەدھىيەلىمەكتە.

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى، جۇڭگو خەلقى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى!

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيناپ كەلگەن مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە پات ئارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ داستان پۈتۈپ چىقىلىدۇ!

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى!

70 يىل ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزاق ئېقىمىدا پەقەت كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىت، لېكىن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان، دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 70 يىل ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭدىن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھەممىسى چەكسىز ئىپتىخارلىنىدۇ!

بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

يولداشلار، دوستلار!

ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە مېڭىشىدىكى مۇھىم كاپالەت.

يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى قاتلاملار ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، زور كۈچ بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت كېمىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

بىز داۋاملىق تۈردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش قىلىشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋەتەننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى بولسىلا، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولسىلا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوقۇم ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلالايدۇ، ئورتاق ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!

بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ!

بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ قۇياش نۇرى ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىنى يورۇتۇشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇلۇغ مەدەنىيلىك. تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتقان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، مۇقەررەر تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

ھازىر مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن،

جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن،

جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن،

بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى مېھمانلار، ھەرقايسى يولداشلار، ھەرقايسى دوستلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن،

قەدەھ كۆتۈرەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.