تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسى پۈتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسى پۈتىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانلىقىمغا ھازىرغىچە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. شۇ چاغدا مەن ئىزچىل ھاياجان بىلەن ياش تۆككەنىدىم. مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، يۇرتۇمدىكى تېخىمۇ كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تۆھپە قوشىمەن» دېدى تەكلىپكە بىنائەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن لۈجوۋ ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاياغ يۈزلۈكى تىكىش سېخى 10- گۇرۇپپىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا باشلىقى پاشاگۈل كېرەم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە مېڭىشىدىكى مۇھىم كاپالەت.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى فاخې مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور چەكتە قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ زور چەكتە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز، كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەزكىرە تۈزۈشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تارىخنى بىۋاسىتە خاتىرىلەپ، ياخشىلىقنى نامايان قىلىپ كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دەۋرىمىزدە ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ساقلىغۇدەك، ئۆرنەك قىلغۇدەك خاتىرىلەرنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن كۈچلۈك تارىخىي دەلىل - ئىسپات ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شاۋخەي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، چوقۇم تەرەققىيات رايونىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنى تىرىشىپ زامانىۋى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدىكى كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

شىنجاڭ داشۆ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زورىگۈل راخمان دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئاساسىمىزنى پۇختىلاپ، بىلىم ئاساسىمىزنى ياخشى سېلىپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، يۈەن لېي، لى ياڭ، ياڭ شۇخەن، ما يىنىڭ، مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىرى چېن جۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى