تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار قاتناشتى

9- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: گۈل ئارقىلىق قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئېتىش، ئابىدە ئارقىلىق ساداقەتمەنلىك روھىغا تەسەللى بېرىش. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مول تۆھپىلىرى، ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلاب روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ھەيۋەتلىك سۈكۈتكە چۆمگەنىدى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا يەلپۈنەتتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سائەت 9دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەيۋەتلىك، ياڭراق «پىدائىيلار مارشى» ئورۇنلىنىشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى تەكشى، ئۈنلۈك ئېيتتى، جاراڭلىق، كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيە مەيدان ئاسمىنىدا جاراڭلىدى.

دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىق ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلار خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

چاسا سەپنىڭ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى. گۈل سېۋىتىنىڭ قىزىل لېنتىسىدا «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەتلەر چاقناپ تۇراتتى.

چوڭقۇر ھېسسىياتلىق گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى سىلىق كۆتۈرۈپ ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ قاتارلىقلار ئارقىدىن خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، خېلى ئۇزاق سۈكۈتتە تۇردى، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزەشتۈردى. ئارقىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش سان - ساناقسىز ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، جەزمەن قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلاب روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ كۈچ ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ھەربىر ئاددىي ئىشنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.