تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىپ، بىر نىيەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى

ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ دىدارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى

      9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىنى رەتلىمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، لو شا) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى. مەيداننىڭ ئىككى يېقىدىكى غايەت زور باش تېما مەنزىرە ھەيكىلى «قىزىل لېنتا» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۇخارگۈلى قاتارلىقلاردىن ياساپ چىقىلغان 18 گۈلچەمبىرىكىگە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

سائەت 10غا يېقىنلاشقاندا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، 4000دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىللىرى قولىدا گۈل تۇتۇپ، رەتكە تىزىلىپ سۈكۈتتە تۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 90 ياشتىن ئاشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار بار، مەيدىسىگە قىزىل لېنتا تاقىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بار، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بار، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆسمۈرلەر، بالىلار بار.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ ئون كانايچىسى «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى بۇرغىسى»نى ياڭراتتى. چوڭقۇر ۋە ياڭراق كاناي ئاۋازى كىشىلەرگە ئۆزىنى خۇددى داۋالغۇپ تۇرغان تارىخىي يىللاردا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇردى.

70 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، 70 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىش، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك جۇڭگو مۆجىزىسىنى يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلىدى.

«ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ 60 ھۆرمەت قاراۋۇلى مەردانە، مەزمۇت، ھۆرمەت قەدەملىرى بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

دەل سائەت 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى.

دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

70 يىل ئىلگىرىكى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۇل سېلىندى. «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن سەككىز ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەت كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمىتى ئويۇلغانىدى. 2014- يىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىپ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىنى «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

«بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز...» تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 300دىن ئارتۇق ئۆسمۈر، بالا قولىدا گۈل تۇتقىنىچە، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، «بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى»نى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

چاسا ئەترەت ئالدىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان چوڭ تىپتىكى توققۇز گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى، گۈل سېۋەتلىرىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىغاندا، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقىدىن خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، خېلى ئۇزاق سۈكۈتتە تۇردى. ئوتقاشتەك خۇڭجاڭ، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلسامساق، چىرايلىق ئاسىيا مەرۋايىتگۈلىگە خەلق قەھرىمانلىرىنى چوڭقۇر ئەسلەش ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش مۇجەسسەملەنگەنىدى.

شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ قويدى.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇشقۇن، مەردانە، تاغنى تالقان قىلىدىغان جاسارەتلىك كۈرەش مۇساپىسىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى. مۇنار ئۈستىدىكى ئون پارچە ئاق مەرمەر قاپارتما نەقىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ روھىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، غەيرەت - جاسارەتكە تولۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا.

ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىمۇ نۆۋەت بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى گۈللىرىنى تەقدىم قىلدى ھەم خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى.

گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ماۋ جۇشى خاتىرە سارىيىغا باردى. شىمالىي چوڭ زالدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار تەقدىم قىلغان گۈل سېۋىتى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا قويۇلغانىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلىگە ئۈچ تەزىم قىلدى، ئارقىدىن ئېھتىرام بىلدۈرۈش زالىغا كېلىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ دىدارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، يولداش ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.