تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەتەنگە ئاپىرىن ئېيتىش  دەۋرگە ئالقىش ياڭرىتىش

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ خونۇقاي بازىرى قىزىليار كەنتى «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

(لى ۋېنۋۇ فوتوسى)

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجۈ مەھەللىسىدىكى كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە تورت تەييارلاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە «مەن ۋەتىنىم بىلەن بىر رامكىدا» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

       9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۇەن - دۇڭسەن رايونى «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

① 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى پىيادىلەر كوچىسىدىكى گۈل بېزەكلىرى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كوچىلاردا ھەر خىل شەكىلدىكى باش تېمىلىق گۈل بېزەكلىرىنى تىزىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلىدى.

(داۋۇت رىشات فوتوسى)

② 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، مەھەللە ئاھالىلىرىنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە «دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشىمەن» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە تەشكىللىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى)

③ 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىق (3)- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئاچتى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

④ 9- ئاينىڭ 28- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى قولىدا دۆلەت بايرىقى تۇتۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىداچياۋ كۆۋرۈكىدە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كۆرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى)

      9- ئاينىڭ 28- كۈنى، تېرەك چېگرا ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار چېگرا لىنىيەسىدە دۆلەت بايرىقىنى يەتكۈزمەكتە. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ، چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ دۆلەت بايرىقى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن 70 نەپەر خەلق ساقچىسى دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ يەتكۈزۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

(ۋۇ مىڭشيەن فوتوسى)

① سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

② سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىدىكى باغدا، مول ھوسۇل ئالغان باغۋەنلەر ۋەتەنگە بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

(يەن شوۋلىن فوتوسى)

③ سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، بىڭتۇەن 7- شىسى كۈيتۈن تيەنبېي يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۈيىڭلى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر قەغەز قىيما قىيماقتا. بۇ مەھەللە شۇ كۈنى «قەغەز قىيما قىيىپ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

(گاۋ بو فوتوسى)

④ سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئوقۇغۇچىلار يېڭى دەرس ئۈستىلىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇ كۈنى نىڭبو شەھىرى شياڭشەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخلا بازىرى ئارا مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

(نىياز راخمان فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

بىر داستان چېگرا رايوندا تاراپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى، بۇ 70 يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەلتەنەتلىك داستانى؛ بىر مەدھىيە ناخشىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئېيتىلىپ، سەمىمىي ھېسسىياتنى نامايان قىلدى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ۋەتەن ئانىمىزغا تەقدىم قىلغان مەدھىيە ناخشىسى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، پامىر ئېگىزلىكىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن ۋەتەنگە ئاپىرىن ئېيتتى، دەۋرگە ئالقىش ياڭراتتى.

دۆلەت بايرىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرىسىنى ئويغاتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تارىخىي تۈگۈنىدە تۇرۇپ، 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرۈپ، 70 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئەڭ ئۇنتۇيالمايدىغىنىمىز بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلاردۇر. بۇ يىل يەنە شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ئاڭلاش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىشى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك مەزمۇنغا ئايلاندى.

دۆلەت بايرىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى. دۆلەت بايرىقى ھەممە ئائىلىگە ئېسىلىپ، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە جەۋلان قىلدى. ھەربىر بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، ھەممەيلەن بىر خىل چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى؛ گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، چىڭ تۇتاشقان.

دۆلەت بايرىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى ئىزچىل پارتىيەنىڭ قۇياش نۇرى ۋە مېھىر - شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ كەلگەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئوتتەك ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى كىشىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن تولدى؛ شەھەرلەردىكى كېچىدە چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، تىلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى