تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەرقايسى مىللەتلەر گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەر مىللەت خەلقنى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىلىش كېرەك». مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى مىللەتلەر گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى سۈرەتلەپ بەردى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى چىگىش، مۇرەككەپ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇللۇق ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، بىز ئاندىن مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى كۆزنى چاقنىتىدىغان رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك؛ ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى قۇرۇش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ بەش تەلەپ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ. بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشىمىز؛ دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئاھالىسىنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق سىياسەت - تەدبىر ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلىرى مۇلازىمەت - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇشىمىز؛ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

جۇڭگو ئارزۇسى خەلقنىڭ ئارزۇسى، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى مۇقەررەر ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، بىز جەزمەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە ياخشى مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ شانلىق كېلەچىكىنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى