تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەركەزلىك ھەرىكەت. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى سىلىق، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپاراتلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشنى تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، ئاچقۇچنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا «خىمىيەلىك رېئاكسىيە»نى ھەقىقىي پەيدا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يانداش ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيە، باشلامچى تارماقلار ۋە قاتناشقان تارماقلار، سۇبيېكتلىق ئىسلاھات ۋە يانداش ئىسلاھات، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنىڭ يانداشما بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە ئىسلاھات پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تارقىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.