تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى سۇ، توك، پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى نورمال كەسىپ بېجىرىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز فېي شۈەن، جاڭ دۇڭمېي، دۈەن شياۋلى، ليۇ شىن، پىراكتىكانت مۇخبىر لى چىنيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دەن خەۋىرى) مۇلازىمەتنى ئادەتتىكىدەك قانات يايدۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى ئالدىن تەڭشەش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ چىقىش ... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ، توك، گاز بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنىڭ «ئىشتىن توختاپ قالماسلىقى»غا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  سۇ بىلەن تەمىنلەش: جىددىي رېمونت قىلىش نۆۋەتچىلىك قوشۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  9- ئاينىڭ 28- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سۇچىلىق گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش مەركىزى تۇرۇبا تورىنى جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىق لايىھەلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈپ چىقىپ، ئەسلىدىكى سۇ، زاۋۇتتىن چىققان سۇ ۋە تۇرۇبا تورى سۈيىنى كۆزىتىش قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرغان؛ سۇ ئىشلىرى جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش، رېمونت قىلىش مەركىزى، سۇ چىقىرىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، تۈرلۈك سۇ چىقىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش كاشىلىلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان. 

  سۇچىلىق گۇرۇھى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان ياكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەگەر ئۆيدە ئادەم بولمىسا، ئۆيىدىكى سۇ تۇرۇبىلىرىنى ئېتىۋىتىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇچىلىق گۇرۇھى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان كارتىلىق سۇ سائىتى خېرىدارلىرى يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، سودا- سانائەت بانكىسى قاتارلىق 249 تور نۇقتىسىدا سۇ پۇلى تاپشۇرسا بولىدىكەن، ئاز سوممىلىق ھەق تاپشۇرىدىغان خېرىدارلار لىئەن تاللا بازىرىنىڭ 263 تور نۇقتىسىدا ھەق تاپشۇرسا بولىدىكەن.

  شەھەر ئاھالىلىرى سۇ ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسىلە كۆرۈلسە، سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ 24 سائەتلىك خېرىدارلار قىزىق لىنىيەسى 2648888 غا تېلېفون قىلسا بولىدىكەن.

  توك بىلەن تەمىنلەش: تەكشۈرۈش- تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ شىركەت مەخسۇس بايراملىق توك بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بايراملىق توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، توك بىلەن تەمىنلەش تەۋەلىكىدىكى شەھەر- يېزا ئاھاللىرىنىڭ بايرامدا توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولى توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت زالى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت زالى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى غەربىي شەھەر ئەتراپى توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت زالى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيشىگۇ توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت زالى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى شەھىرى گۇمۇدى توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت زالى ھەر كۈنى سائەت 11:00دىن سائەت 14:30 غىچە مۇلازىمەت قىلىدىكەن، باشقا تىجارەت زاللىرى دەم ئالىدىكەن.

  ھازىر تىجارەت زالىدىن باشقا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى شەھىرى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، شەھەر ئاھاللىرى لىئەن، بەيشىلىيەن، بيەنلىچۈەن قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ۋاكالىتەن سېتىش ئاپپاراتلىرىدا توك سېتىۋالسا بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارتىسىز پۇل قاچىلاشقىمۇ بولىدىكەن.

  پار بىلەن تەمىنلەش: ھەق ئېلىش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ

  ئۆز قەرەلىدە پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ئارقا- ئارقىدىن تۇرۇبا تورىغا سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتىنى تاماملاپ، سوغۇق ھالەتتە يۈرگۈزۈش ۋە گاز چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەۋىتىپتۇ، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە كارخانىلىرى نورمال نۆۋەتچىلىك قىلىدىكەن، سىناش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش شۇنداقلا ھەق يېغىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر توختاپ قالمايدىكەن.

  تەبىئىي گاز: تەبىئىي گاز مۇلازىمىتى توختاپ قالمايدۇ

  9- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەبىئىي گاز (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تەبىئىي گاز مۇلازىمىتى نورمال قانات يايدۇرىلىدىكەن.

  شەھەر ئاھالىلىرى تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش، تەبىئىي گاز كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ياكى باشقا تەبىئىي گاز مۇلازىمەتلىرىنى بېجىرمەكچى بولسا، شىنجاڭ تەبىئىي گاز (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى خېرىدارلار مۇلازىمەت زالىغا (قاراماي شەرقىي يولى شىمالىي كوچىسى 120- نومۇر) غا بېرىپ ئىش بېجىرسە بولىدىكەن، مۇلازىمەت ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00دىن سائەت 16:00گىچە بولىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ تەبىئىي گاز (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر قايسى رايونلاردىكى مۇلازىمەت زالىنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى (سەيشەنبە)، 10- ئاينىڭ 3- كۈنى (پەيشەنبە)، 10-ئاينىڭ 5- كۈنى (شەنبە)، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى (دۈشەنبە)، تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 دىن سائەت 16:00 غىچە بولىدىكەن.

  خېرىدارلارنىڭ تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا قارىتا، ھەر قايسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىدىن باشقا، ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ ھەر قايسى تور نۇقتىلىرىدا تەبىئىي گاز سېتىۋالسىمۇ، ياكى تەبىئىي گاز چۇڭجىباۋدىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە ئاپتوماتىك گاز قاچىلىسىمۇ بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت تارمىقىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتلىرىمۇ نورمال تىجارەت قىلىدىكەن.

  خېرىدارلار تەبىئىي گاز توغرىسىدىكى ھەر قانداق مەسىلىنى سورىماقچى بولسا 24 سائەتلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96517 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا ياكى رېمونت قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن.

  ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى: مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى نورمال بېجىرىدۇ

  بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى دەپ ئېلىندى) شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نورمال خىزمەت قىلىدىكەن.

  ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك شۇكى، بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسىپلىرىنى پەقەت كازىۋەن ئىش بېجىرىش ئورنىدىلا نورمال بېجىرگىلى بولىدىكەن، باشقا ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورۇنلىرى شۇنداقلا مۇلازىمەت نۇقتىلىرىدا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى نورمال بېجىرگىلى بولمايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بايرام مەزگىلىدە توختىتىلىدىكەن، بايراملىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەممە كەسىپنى بېجىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى