تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋىرى): جياڭشى شاڭراۋدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان CBA بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى 10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن گۇاڭدۇڭ خۇڭيۈەن كوماندىسى، ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى يەنە مۇسابىقە مەيدانىدا جەم بولىدۇ، ئۇلار جېجياڭ چۇۋجوۋ كوماندىسى، تيەنجىن رۇڭگاڭ كوماندىسى بىلەن گىرەلەشمە ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، ئۈچ مۇسابىقە كۈنىدە ئالتە مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ.
CBAنىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىللىك CBAنىڭ ئومۇمىي چېمپىيون كوماندىسى ۋە ئىككىنچى بولغان كوماندىنىڭ ئوخشاش بىر مۇسابىقە رايونىدا مۇسابىقىلىشىشى تارىختىكى تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ، بۇمۇ بۇ قېتىملىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ كوماندىسى CBA مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىكار ماھىر جوۋ چى بىلەن شىرئەلىجاننى كوماندىغا قوشتى، بۇنىڭدىن سىرت، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن ئۆگىنىپ، كوماندىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياشلار كوماندىسىدىن يوشۇرۇن ئىقتىدارى بولغان ماھىرلارنى تاللىۋالدى، ھازىر، 20 ياشلىق، بوي ئېگىزلىكى 2.1 مېتىر بولغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچى لۇتپۇللا، بېك شېرزات، كىچىك ھۇجۇمچى چى لىننىڭ ھەممىسى زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. گۇاڭدۇڭ كوماندىسى جەھەتتە، زېڭ فەنرى، شۈ جيې، خۇ مىڭشۈەنلەر تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىككى تۆھپىكارنى ساقلاپ قالدى، بىرۇكىس بىلەن ۋىمىسنىڭ ماسلىشىشى يەنىمۇ ياخشىلانماقتا، بۇنىڭدىن باشقا، ياش توپچىلار ۋە يېڭى ماھىرلاردىن ليۇ شۈچېڭ ۋە ليۇ چۈەنبياۋ قاتارلىق ماھىرلار يەنە تېخىمۇ تىرىشىشى كېرەك.