ئۈرۈمچى «پارلاپ» كەتتى! 9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن» دۆلەت بايرىمى باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى، گۈزەل لازېر نۇرلىرى كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتتى، رەڭدار چىراغ نۇرلىرى ئېگىز بىنالاردا چىرايلىق شەكىللەرنى چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىداچياۋ، خۇڭسەن، شياۋلۈگۇ، چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى يەنە بىر قېتىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «چوقۇم بارىدىغان جاي»ىغا ئايلاندۇردى. تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىداچياۋ ئەتراپىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.