تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ يىفېي خەۋىرى، فوتوسى): 9- ئاي مەملىكەتلىك «سۈپەت ئېيى» بولۇپ، بۇ ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 11 كارخانىغا 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس سۈپەت مۇكاپاتى تارقاتتى.
9- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 2019- يىللىق مەملىكەتلىك سۈپەت ئېيى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانىلارنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى، 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن 11 كارخانىغا 2 مىليون 500 مىڭ مەخسۇس سۈپەت مۇكاپاتى تارقاتتى ھەمدە ئۇلار بىلەن «سۈپەت ۋەدىنامىسى» ئىمزالىدى .