تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، پىراكتىكانىت لو بېيبېي خەۋىرى، فوتوسى) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، 9- ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى يېتىپ كەلدى، سوغۇق ھاۋامۇ 9- ئاينى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۈلگۈرۈپ كەلدى. بۈگۈن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ ۋە يامغۇر ياغىدۇ، سىرتقا چىققاندا يامغۇرلۇق، كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ. بۈگۈن (9- ئاينىڭ 30- كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش غەرب شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. شەرقىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىنچە بۇلۇتلىنىدۇ، ئەتىگەن، كەچتە ھاۋا سوغۇق بولۇپ، چۈشتە ئىسسىق بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن (9- ئاينىڭ 30- كۈنى) كۈندۈزى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، 3 ~ 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃16، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا ℃8 بولىدۇ. تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەيدۇ، قېلىنراق كىيىنىڭ!
ياز پەسلىدىكى نەمخۇش شامالغا قارىغاندا، كۈز شامىلى قۇرغاق ھەم كۈچلۈك، شۇڭا كۈزدە تەر چىققاندا ياز پەسلىگە ئوخشاش تەبىئىي قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ پېشانىدىن تەر چىققاندا شامال تەگسە بولمايدۇ. كۈز شامىلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى تۆۋەن بولۇپ، پېشانىدىن شامال ئۆتكەندە باش قىسمىدىكى قان تومۇرلار تارتىشىپ قېلىپ، زۇكام، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.