تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 17 خىل راكقا قارشى دورىدىن 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاتچوت قىلىندى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جۇڭگو دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2019- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتكەن 17 خىل راكقا قارشى دورا 318 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ئاتچوت قىلىندى، ئاتچوت سوممىسى 1 مىليارد 963 مىليون يۈەن بولدى. دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتكەن راكقا قارشى دورىلارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا سەپلەش، ئىشلىتىش خىزمىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

  2018- يىلى 10- ئايدا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتكەن 17 خىل راكقا قارشى دورىنى «دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسى» B تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 17 خىل دورا، 12 ئەمەلىي ئۆسمە دورىسى ۋە بەش خىل قان ئۆسمىسى دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسى كلىنىكىدا زۆرۈر، داۋالاش ئۈنۈمى توغرا بولغان، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئۆسمىنى داۋالاش دورىلىرى. ئوتتۇرىچە پارچە سېتىش باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتكەن دورىلارنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56.7 تۆۋەن بولغان.

  دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلاردىكى سەھىيە، ساغلاملىق تارماقلىرى ئۆسمىنى داۋالاش قائىدىسى ۋە ئۆسمىگە قارشى دورىلارنى كلىنىكىدا قوللىنىش قوللانمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆسمىنى داۋالاش قائىدىسى ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ دورا سەپلىشى، دورا ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. دوختۇرخانا خىراجەتنى ئومۇمىي كونترول قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئومۇمىي كونترول قىلىپ، «دورا نىسبىتى» قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتكەن دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يېقىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى باشلىغان، مۇندەرىجىنى تەڭشەشتە «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورىلىرى، راك كېسىلى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار قاتارلىق تۈرلەرنى ئالدىن ئويلىشىدىكەن.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، دورا قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، باشقۇرۇش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، راكقا قارشى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دورا كاپالىتى سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتكەن راكقا قارشى دورىلارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا سەپلەپ ئىشلىتىش خىزمىتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ راكقا قارشى دورىلارنى تاللاش، سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ھەرىكىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى