تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«56 يۇلتۇز تۈركۈمى 56 تال گۈل، 56 مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل بىر ئائىلە.» جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر چوڭ ئائىلە بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى؛ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر چوڭ ئائىلىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئەزالارنىڭ مۇناسىۋىتى.

«ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى مۇقەررەر ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك.» مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

«بىر دۆلەتنىڭ بىپايان زېمىنى پۇقرالار ئولتۇراقلىشىدىغان جايدۇر.» بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان. ھەر مىللەت ئەجدادلار جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى بىرلىكتە ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنى مۇنبەت، بىپايان بولۇپ، بۇ، ھەر مىللەت ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان مۇقەددەس زېمىن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ياشاپ تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل ماكان. بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق پۈتكەن. چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ جاسارىتى، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەيۋىتى، كاڭشى - چيەنلۇڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىشنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان تارىخ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىگە زىچ تايىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تاكامۇللىشىشى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق رەڭدار، مول ۋە چوڭقۇر بولۇشى ئۇنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىدا. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى گىرەلىشىپ جىلۋىلەندى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان تولۇقلىنىپ يېڭىلىنىپ كەلدى، بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى قۇدرەتلىك مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى. بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەرقايسىى مىللەتلەر ئورتاق يېتىلدۈرگەن. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىمىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى ئورتاق تاۋلاپ چىقتى. جۇڭخۇا مىللىتى روھى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېنى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ - توپلىنىپ شەكىللەندۈرگەن، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ھەممىنى قوبۇل قىلىشىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشىدىن، ھېسسىيات جەھەتتە بىر - بىرىگە يېقىنلىشىشىدىن بولغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن بولغان. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تەڭداشسىز سىغدۇرۇشچانلىققا ۋە قوبۇل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان، ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، زور رول ئوينىغان، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، روناق تاپقان.

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى بىپايان، مەدەنىيلىكى ئۇزاق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مول مىراس، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىدە، بىر گەۋدە كۆپ مەنبەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بىر گەۋدە كۆپ مەنبەدىن ئايرىلالمايدۇ، كۆپ مەنبەمۇ بىر گەۋدىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ بىر گەۋدە ئاساسىي لىنىيە ۋە يۆنىلىش، كۆپ مەنبە مۇھىم ئامىل ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، بىرى گۈللەنسە، باشقىلىرىمۇ گۈللىنىدۇ، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، باشقىلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىغاندىلا، ئاندىن ئىستىقبالى بولىدۇ، ئاندىن ئۈمىد بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى، ھاياتلىق يۆلەنچۈكى، كۈچ مەنبەسى.

تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئاجايىپ ئىجادكارلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشۇشچانلىقى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولساقلا، بىز گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى