تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مىللەتلەر خىزمىتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بىرىنچى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز مىللەتلەر خىزمىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى قەدىرلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ «توققۇزدا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، بۇ يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم مىزان. ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، غايەت زور ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇشى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئاچقانلىقى، ئۇزاق تارىخىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق پۈتكەنلىكى، شانلىق مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ياراتقانلىقى، ئۇلۇغ روھىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق يېتىلدۈرگەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مىللەتلەر خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، جان تومۇر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپلەرنى قەتئىي قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

بەشىنچى، خىزمەت تەلىپىنى ئىگىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش؛ ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى قۇرۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىش كۈنتەرتىپىگە قويۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مىللەت نەزەرىيەسى، سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك، مىللەتلەر خىزمىتىنى بىلىدىغان، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ - ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.