تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى

      يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئارتىسلار ناخشا - ئۇسسۇللۇق نومۇر «تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ۋەتەنگە بەخت تىلەيدۇ»نى ئورۇنلىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

« تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە بەخت تىلەيمىز، مېنىڭ جۇڭگويىم...» «بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز» ناملىق چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئېيتىلغان مەدھىيە ناخشىسى ئىچىدە كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى يېقىملىق ناخشىسى، جەزبىدار ئۇسسۇلى، شادىيانە مېلودىيەسى ئارقىلىق ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدەك جانلىق مەنزىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بولغان گۈزەل تىلىكىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

«پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا» «كۈيلىگەنگە تۈگىمەس ماۋ جۇشىنىڭ شەپقىتى» «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق تاماشىبىنلارغا تونۇش بولغان كىلاسسىك ناخشىلاردا ۋەتىنىمىز قوينىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى؛ «سالىقا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئەڭ ئاڭلايدۇ» «يايلاقتا تۇرۇپ بېيجىڭغا تەلپۈنۈش» «گۈل ۋە ئۆسمۈر» «چارۋىچىلار كومپارتىيەنى كۈيلەيدۇ» «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز» «خۇشال ناخشا ئېيتايلى» «ئانام جۇڭخۇا» قاتارلىق ناخشا - ئۇسسۇللاردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى ۋە مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قەتئىي ئىرادىسى مۇجەسسەملەنگەن، ئىزھار قىلىنغان؛ 12 مۇقامدىن ماتېرىيال ئېلىنغان ناخشا - ئۇسسۇل «مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن» ۋە ناخشا - ئۇسسۇل «ۋەتەنگە مەدھىيە»، شېئىر دېكلاماتسىيەسى «ۋەتىنىم ئانام، يۈرەك سۆزۈمنى سىزگە ئېيتاي» قاتارلىق نومۇرلاردا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بولغان ئەڭ گۈزەل تىلىكى ۋە ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش سەمىمىي مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن؛ ئۇسسۇل «دۆلەت ئاسايىشلىق بولسا <ئانارگۈلى> خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ»، تىياتىر چاتما ناخشىسى «گۈللىنىش دەۋرىدىكى نەشپۈتزارلىق»، لەپەر «يۈرەك سۆزىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئېيتىمىز»، ناخشا - ئۇسسۇل «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز» قاتارلىق نومۇرلاردا يېڭى دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇپ، يېڭى دەۋرگە تەلپۈنۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئورتاق قەلب ساداسى ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن نامايان قىلىنغان.

ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، «ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز» ناملىق ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا تەڭ ئېيتتى، دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، ناخشا ساداسى ياڭراپ، كېچىلىك يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. پۈتۈن كېچىلىكتە ئېسىل نومۇرلار ئۈزۈلمىدى، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئەۋجگە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەر ساھە - ھەر كەسىپ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كېچىلىكنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.