تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەنگە يۈز كېلەلەيدىغان شەرەپ ۋە ئارزۇنى پۈتۈپ چىقىمەن

بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك كەسپىي ئورۇنلارنى تىزىملاش - باشقۇرۇش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جيەن مىڭ

1949- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، بۈگۈنگە قەدەر 70 يىللىق شانلىق مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلدى. بۇ مۇساپىدە، بىر - بىرىدىن ئالىيجاناب مىجەز - خۇلقلىق، خەلققە مۇھەببەت باغلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، ھەيۋەتلىك تارىخىي يۆگىمە رەسىمنى ئورتاق سىزىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىشنىڭ كۈرەش قەسىدىلىرىنى پۈتتى. مەن پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ يېپيېڭى سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقىغا، گۈللەنگەن، باي - قۇدرەتلىك يېڭى جۇڭگونى بەرپا قىلغانلىقىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئامما تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ھازىر، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەر ئاددىي كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى، توپا يوللار سېمونت يولغا، ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى؛ شۇنداقلا پويىز ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتكە چىقىشىمىز تولىمۇ قولايلاشتى، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى؛ ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلىپ، ياخشى مائارىپتىن بەھرىلىنىۋاتىدۇ، ئوقۇشسىز قېلىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى؛ ئاغرىپ قالسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، قىيىنچىلىقى بولسا تۆۋەن كاپالەت بار، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بار... ئەمەلىيەت ئىنتايىن ئاددىي بىر ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتۇر.

مەن يېزىدا تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ماڭا ئوقۇشۇمنى تاماملاش، ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بەردى، پارتىيە مېنى بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيەلىك كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولۇپ، تىرىشىپ پارتىيەگە سادىق ئۈلگىلەردىن بولىمەن. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، زىممىدە مۇھىم ۋەزىپە بولۇش، بۇرچنى ئادا قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەتلىك - ياراملىق روھىي ھالەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

ئۆتمۈشكە قايتا نەزەر سالساق، 70 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، دۆلىتىمىز دەل يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي تۈگۈنىدە تۇرماقتا. ياشلىق دەل كۈرەش قىلىشنىڭ مۇقەررەر پەيتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن 80 - يىللاردا تۇغۇلغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يېڭى ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى دەۋر بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە يۈكلىگەن بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، دۆلەت بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، دەۋر بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، ئىلگىرىلەش جەريانىدا پېشقەدەملەرنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ ھەدىيەسىنى يەردە قويماي، تارىخنىڭ ياقتۇرۇشىنى يەردە قويماي، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇش غەيرىتى، ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، ۋەتەنگە يۈز كېلەلەيدىغان شەرەپ ۋە ئارزۇنى پۈتۈپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى