تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

7- شى ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى: بالا بۈركۈت سالاپىتىنى ۋە ھەربىيچە فورما روھىنى نامايان قىلىش

بالا بۈركۈت سالاپىتىنى ۋە ھەربىيچە فورما روھىنى نامايان قىلىش

_____ 7- شى ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپىدە پارات ۋە ھەربىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەپ، ئۇلاردا كىچىكىدىن باشلاپ «ئەسكەر» ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، «ئەسكەر» قارىشىنى كۈچەيتىپ، «ئەسكەر» ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7- شىسى ئىتتىپاق كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 7- نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپىدە پارات ۋە 6- نۆۋەتلىك ھەربىي ماھارەت مۇسابىقىسى 7- شى خەلق ئەسكەرلىرى مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  7- شىنىڭ ھەر قايسى تۇەن- مەيدانلىرىدىن كەلگەن ئون ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 600 دىن ئارتۇق پىيونېر كوللېكتىپ سەپ تۈزۈش، پارات، ھەربىيچە تەنتەربىيە مۇشتۋازلىق ۋە يۈك-تاق تەييارلاش، جەڭ مەيدانىدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلەردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ماھارەت مۇسابىقىسىدە ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى ھەربىي ئىشلار ساپاسى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھى تولۇق نامايان قىلىندى.

  7- شى ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شى بويىچە بىر ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى دۆلەت دەرىجىلىك ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى بولۇپ باھالاندى؛ ئىككى ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپىگە مەملىكەت بويىچە «ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى ئۈلگە مەكتىپى» دەپ نام بېرىلدى؛ 124- تۇەن، 130- تۇەن، 125- تۇەن، 128- تۇەن ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىڭتۇەنگە ۋەكىللىك قىلىپ، بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپىنىڭ 2- ، 3- ، 4–، 6- نۆۋەتلىك پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

ھەربىيچە تەنتەربىيە مۇشتۋازلىق مەشىقى

جاسارەت بىلەن ئېلىشىش

جەسۇرلۇق بىلەن مەزمۇت تۇرۇش

گرانات تاشلاش مەشىقى

توساقتىن ئاتلاش

«جەڭ مەيدانىدا» قۇتقۇزۇش

تېز ھالقىپ ئۆتۈش

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى