تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يايلاق مۇھىتى ياخشىلانغان چۆچەك كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان ئەتىۋارلىق قۇشلارنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۈجۈن خەۋىرى): ئەتىۋارلىق قۇش كىچىك دوغداق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پات-پات چۆچەك قۇلۇستاي يايلىقىدا پەيدا بولىدىغان بولۇپ قالدى. يېقىندا، شىنجاڭدىكى بىر قانچە نەپەر قۇش ھەۋەسكارى قۇلۇستاي يايلىقىدا نەچچە يۈز كىچىك دوغداقنىڭ ماكانلىشىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەش مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى. شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گۇ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىنجاڭدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە قۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ شۇ جايدا ئۇدا بەشىنچى يىل كىچىك دوغداقنى كۆزىتىشى ئىكەن.

  شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دىڭ پېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىچىك دوغداق دوغداق ئائىلىسىدىكى قۇش تۈرى بولۇپ، جۇغى چوڭ دوغداق ۋە دولقۇنسىمان تاغ تەنلىك دوغداقتىن كىچىك بولىدىكەن، ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا تارقىلىپ ياشايدىكەن، تارقىلىش دائىرىسى تار، تۈر توپىنىڭ سانى ئاز بولغاچقا، دۆلەت 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  شىنجاڭدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە قۇش ھەۋەسكارلىرى ئىلگىرى كىچىك دوغداقنىڭ چۆچەكتە كۆپىيىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان، ئەمما ھازىرغىچە ھېچكىم كىچىك دوغداقنىڭ تۇخۇم بېسىش شۇنىڭدەك ئەۋلاد قالدۇرۇش سۈرەتلىرىنى خاتىرىلەپ باقمىغان.

  دىڭ پېڭ ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: دوغداقنىڭ شىنجاڭغا ئەڭ يېقىن بولغان كۆپىيىش رايونى قازاقىستاندا بولغاچقا، ئۇلار پات-پات چۆچەك قۇلۇستاي يايلىقىدا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، بەلكىم كۆچۈش پەسلىدە بۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ھەقىقەتەن بۇ يەردە كۆپىيىش ھادىسىسى بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى يوشۇرۇن بولغاچقا، كىشىلەر ۋاقتىنچە بايقىيالماي قالغان.

  يېقىنقى يىللاردا كىچىك دوغداق تۈر توپىنىڭ سانى كۆپەيدى، بۇ چۆچەكنىڭ ئوتلاق مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى يەرنى قايتۇرۇپ سۇنى ئازايتىش، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش، ئوتلاقنى ئاسراش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، قۇلۇستاي يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ جايدىكى دوغداق تۈر توپىنىڭ سانى، كۆچۈش يولى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يېقىندا، شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى «جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى دوغداق تۈرلىرىنى كۆزىتىش، ياشاش مۇھىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى باھالاش ۋە قوغداش» تۈرىنى ئىلتىماس قىلغان، شۇنىڭدەك تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى دوغداق تۈرى (كىچىك دوغداق، چوڭ دوغداق) ۋە كۆپىيىدىغان جايدىكى تۈر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتتىن «دوغداقنى قوغداش» ئۇچۇش ھەرىكىتى مۇھاپىزەت پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن، پىدائىيلار دالىدا خاتىرىلىگەن «دوغداق»لارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى، شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىگە ئىنكاس قىلىپ، بىرلىكتە دوغداق ئائىلىسى تۈرىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى