تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «ئەركىن ئاكا، ئاپتوموبىلىڭىزنى يۇيۇپ بولدۇم، ئەينەك سۈيى قويۇپ بېرەيمۇ؟ يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ...» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خېلىل زايىت ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكىنىدا ئاپتوموبىل يۇيۇش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  خېلىل زايىت شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۆيىدە تۆت نوپۇس بار، ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، تۇرمۇشى بىر قەدەر قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە زىيارەتكە كىرگەندە، خېلىلنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دۇكان ئالاقىلىشىپ، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ، دۇكىنىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكىنى ئېچىپ بەردى.

  خىزمەت ئەترىتى ئۈندىدار، QQ قاتارلىقلار بىلەن كەڭ تەشۋىق قىلدى. خېلىلنىڭ ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكىنىنىڭ سودىسى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

  «مەن ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ يامان ئەمەس، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن» دېدى خېلىل خۇشال ھالدا.

  «خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، كەنتىمىزنىڭ بازارغا قوشنا بولۇش قولايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 50 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنى ئىشىك ئالدىدا دۇكان ئېچىشقا پائال يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى مەخمۇت داۋۇت.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى