ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، چېگرانى قوغداش
_______بىڭتۇەننىڭ ئىجادىي مۇزىكا ئۇسسۇللۇق تارىخىي داستانى «تىيانشان» ئورۇندالدى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئۇسسۇللۇق تارىخىي داستان «تىيانشان» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا قويۇلدى. ئويۇن ئىككى مەيدان قويۇلغان بولۇپ، تاماشىبىنلار كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى .
«تىيانشان» ناملىق تارىخىي داستان بىڭتۇەننىڭ تۇنجى مۇزىكا، ئۇسسۇللۇق داستانى بولۇپ، بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن، مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تەسۋىرىي ئويۇن قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشى سەھنىدە نامايان قىلىنغان، مول بەدىئيلىككە ۋە زوقلىنىشچانلىققا ئىگە.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى