تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاي ئىچىش بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق

  ھەممىگە ئايان، چاي ئىچىش كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئەمما چاينىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان پايدىسى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دائىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ ياشىنىپ قالغاندىن كېيىنكى مېڭە قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى ئاستىلىتىشقا ياردىمى بار ئىكەن. چاي يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبى چوڭ مېڭە رايونى ئارىلىقىدىكى تۇتىشىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، داۋاملىق چاي ئىچىش مېڭە قىسمىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ياش تەسىرىدىكى قۇرۇلمىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن.

  تەتقىقات كوللېكتىپى 36 نەپەر 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، 2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، پىسىخىكا ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغقان ھەمدە ئۇلارغا قارىتا روھىي پىسخىكا سىنىقى ۋە يادرو ماگنىتلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بىلىش ئىپادىسى ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىش نەتىجىسى ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار مەيلى كۆك چاي، ۋۇلۇڭ چېيى ياكى پەمىل چاي ئىچسۇن، 25 يىلدىن بۇيان ھەر ھەپتە ئاز دېگەندە تۆت قېتىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ مېڭە رايونىدىكى تۇتىشىشنىڭ چاي ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 

  تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يول قاتنىشىنى مىسالغا ئالغاندا، يول ياخشى لايىھەلەنسە، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغىنىغا ئوخشاش، مېڭە رايونىنىڭ تۇتىشىش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ياخشى بولغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدىكەن. بۇ كوللېكتىپنىڭ 2017-يىلى بايقىشىچە، ھەر كۈنى چاي ئىچكەندە، قېرىغاندىكى بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش خەتىرى %50 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ مىسال تەتقىقات نەتىجىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، دائىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ مېڭە قىسمىنى ئۈنۈمسىز تۇتاشقان توسالغۇلاردىن ساقلاپ، بىلىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئاستىلىتىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى