تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇرچىندا يېڭىدىن 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى، قاناس ھاراق زاۋۇتى 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى.

  يېڭىدىن 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئۆستۈرۈلگەن چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى بۇرچىن ناھىيەسى بارلىققا كەلتۈرگەن تۇنجى «ئىستىراھەت بېلىقچىلىقى» ئىسىم كارتىسى بولۇپ، مەنزىرە رايون ئىچىدە ئاساسلىقى تايمېن بېلىقى (چوڭ قىزىل بېلىق)، سىبېرىيە ئوستېر بېلىقى قاتارلىق سوغۇق سۇ بېلىقلىرى بېقىلىدۇ. مەنزىرە رايون ئىچىدە قىزىل بېلىق كۆرگەزمىخانىسى، بېلىق زىياپىتى ئاشخانىسى، ئېرتىش دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى، ئىستراھەت بېلىق تۇتۇش باغچىسى ۋە ياۋا بېلىق تۇتۇش رايونى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق باغچىسى قاتارلىقلار بار.

  قاناس ھاراق زاۋۇتى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تىپىك سانائەت ساياھەت ئىسىم كارتىسى. 37 يىللىق ھاراق ئېچىتىش تارىخى بۇ ھاراق زاۋۇتىنى مەنزىرىلىك جايغا ئايلاندۇردى. ھاراق ئېچىتىشنىڭ خام ماتېرىيالىدىن ھاراق ئېچىتىش سېخىنىڭ ئاقما لىنىيە مەشغۇلاتىغىچە، ھاراق سۇپىسىنىڭ ھويلىسىدىن ھاراق ئىشكابىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشىگىچە، ھاراق زاۋۇتى بىر قاتار لايىھە، تىزىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە شۇ جايدىكى ھاراق ئېچىتىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى نامايان قىلدى.

  ھازىر، بۇرچىن ناھىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پورت مەنزىرىسى كوچىسىنىڭ 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ۋۇسەيتەن 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، توقۇمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، سارغۇزۇن دۆلەت قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

  بۇرچىن ناھىيەسىدە ھازىر 30دىن ئارتۇق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بار بولۇپ، جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى كۈچلۈك ناھىيە، ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت ئۈلگە رايونىدۇر.

  2019-يىلى، بۇرچىن ناھىيەسى پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 7 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئېشىشى؛ ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرىسال كىرىمى 8 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى