تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا يېڭى ۋوگزالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، يولۇچىلار كورلا يېڭى ۋوگزالىدا پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

   9- ئاينىڭ 28- كۈنى، يەتتە ئايدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىنغان شىنجاڭ كورلا ۋوگزالىنىڭ يېڭى ۋوگزالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى ۋوگزال كورلا ۋوگزالىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا جايلاشقان، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 3000 يولۇچىنى كۈتۈۋالالايدىكەن. كورلا شەھىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا پات ئارىدىكى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى) نىڭ باشلىنىش بېكىتى.

 -9ئاينىڭ 28- كۈنى، يولۇچىلار كورلا يېڭى ۋوگزالىدىكى پويىز كۈتۈش زالىدا پويىز كۈتمەكتە. 

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، يولۇچىلار كورلا يېڭى ۋوگزالىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، سەپەرگە چىقماقتا. 

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، يولۇچىلار كورلا يېڭى ۋوگزالىدىن ئاپتوماتىك بېلەت ئالماقتا. 

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، كورلا يېڭى ۋوگزالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى گۈللىنىش ناملىق تۇنجى پويىز يولغا چىقماقتا.

بۇ ئاينىڭ 28ـ كۈنى تارتىلغان يېڭى كورلا ۋوگزالى.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى