شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 24- كۈنى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى مۇزېيىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مۇزېي قۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 120 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.
«چىن سۇلالىسى لەشكەرلىرى ۋە ئات ھەيكەللىرى بايقالغان 45 يىل ۋە چىن شىخۇاڭ خان قەبرىستانلىقى مۇزېيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق يىغىنى» 9- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى مۇزېيىنىڭ باشلىقى خۇ نىڭبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مۇزېي 1979- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 120 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچى تەخمىنەن 20 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
1974- يىلى، چىن سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى ۋە ئات ھەيكەللىرى ھەمدەپنە ئازگىلى بايقالغان. 1979- يىلى چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزېيى (چىن شىخۇاڭ خان قەبرىستانلىقى مۇزىيىنىڭ ئاساسى) قۇرۇلغان ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. 1987- يىلى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى بىلەن لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى ئازگىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى مۇزېيى ئۆزگىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىسى بىلەن دۇنياغا داڭلىق مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى ۋە ساياھەت مەنزىرىگاھى بولۇپ قالغان. چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى ئارخېئولوگىيەلىك چارلاش، قېزىش ۋە تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مۇزېيدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇرغۇن خان قەبرىستانلىقى ھەمدەپنە ئازگىلى ۋە قەبرىستانلىق قۇرۇلۇشى مەزمۇنى ئېچىۋېتىلگەن، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.
2014- يىلى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار تەخمىنەن %10لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، 2018- يىلىغا بارغاندا 8 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، شۇ يىلى «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، بىر كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 130 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇ مۇزېينىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى يارىتىلغان.