تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شىراكنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شىراكنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سابىق زۇڭتۇڭ شىراكنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن، سابىق زۇڭتۇڭ شىراكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سابىق زۇڭتۇڭ شىراك دۇنيادا شۆھرەت قازانغان سىياسىيون ۋە ئىستراتېگىيەچى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى. ئۇ جۇڭگو - فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولۇشى فىرانسىيە ۋە فىرانسىيە خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو - فىرانسىيە دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سابىق زۇڭتۇڭ شىراكنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.