تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

قىپقىزىل ئانار دانىسى سەمىمىي ئىتتىپاقلىق رىشتى

− شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ھازىر دەل ئانار پىشىدىغان مەزگىل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزا - كەنتلەرگە بارسىڭىز، قىپقىزىل ئانارلارنى شاخلارنىڭ كۆتۈرەلمەي قالغانلىقىنى بايقايسىز. بىرەرسىنى مۇنداقلا يارسىڭىز، ئانار دانىلىرىنىڭ ناھايىتى دانلىق، ناھايىتى زىچ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇ دەل شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق تەسۋىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى بەلگە قىلىنىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، ئىنتايىن قويۇق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ مېھىر - مۇھەببىتىگە ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بىر - بىرلەپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭراتتى.

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى

شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ئازادلىقتىن كېيىن، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتەك باش تېمىنى باشتىن - ئاخىر پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارە، يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى.

شىنجاڭلىق داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابلانىڭ ئىشخانىسىدىكى كىتاب ئىشكاپىغا بىر پارچە سۈرەت قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەت ئىدى. «ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالدى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن.» دىلنار مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈچۈن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بەردى».

2016- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئۆزئارا بىر - بىرىگە تاياندى، بىر - بىرىگە زىچ باغلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىر كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپچىلىك يەنە ئۆزلۈكىدىن ئۆزئارا تۇغقانلىشىپلا قالماي، ھەتتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭمۇ شىنجاڭلىق تۇغقىنى بار بولدى. بىر قاراش، بىر كۈلۈمسىرەش، بىر ئېغىز ئەھۋال سوراشتىنمۇ ئۆزئارا دوستلۇق رىشتى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنداق قويۇق دوستلۇق مېھرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئالدى، شەخسلەردىن ئائىلىلەرگىچە، ھويلا - ئارانلاردىن مەھەللىلەرگىچە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەي، قەلبداش بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ ئۈستىگە ئالدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلانماقتا.

بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم، زور ئەمەلىيەت بولۇپ، باشقا مۇھىم تەدبىرلەر بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى.

− نىزام چىقىرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قانۇنچىللىق جەھەتتىن ھەربىر مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك نىزام (نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لار تۈزۈلدى، ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى ۋە جەمئىي 621 يەرلىك نىزام، يەككە نىزام تەستىقلاندى.

− مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر باراۋەر ھالدا دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قاتناشتى ۋە ئۇنى يۈرگۈزدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %69.81نى ئىگىلەيدۇ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %47.8نى ئىگىلەيدۇ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى تەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %39.75نى ئىگىلەيدۇ.

− دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە شۇ مىللەت تىلىدىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پائال قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى، «ئون ئىككى مۇقام» «جاڭغىر» «ماناس» قاتارلىقلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى...

بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىدىيە ئاساسى ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، ئىنتايىن قويۇق، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

 ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقى قەلبلەردە يىلتىز تارتتى

تارىخنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى ئاچساق، تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن بۈگۈنگىچە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىزچىل ئۇرغۇماقتا.

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشىنى يوقلىماقچى» بولغان، كېيىن ماۋجۇشىنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، كىشىلەر ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «قۇربان تاغا» دەپ ئاتىغان.

كۇچادىكى كەشتىچى ئاچا - سىڭىل بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىدىن تەسىرلىنىپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كەشتىنى كەشتىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلدى.

بىڭتۇەننىڭ ئايال خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ 800 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇمىلىق دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساق بىلەن تۇغقان بولمىسىمۇ تۇغقاندىنمۇ ئۆتە يېقىن ئۆتتى، ئۇ ئۇيغۇر ئىنىسىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى، ئاچا - ئىنىلىق مېھرى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

قۇربان نىياز ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن تارتىپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئۇنىڭغا ئىسلاھات ئاۋانگارتى نامىنى بەردى، ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى» دەپ ئاتىدى.

چىڭگىلدىكى ئانا ھەنىپە ئالىماخۇن ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى باققاندىن سىرت، يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئالتە مىللەت بار چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى.

چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى ما ليەنخۇانىڭ ئائىلىسى خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، رۇس، ئۇيغۇر، داغۇر، تاتاردىن ئىبارەت يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق كۆپ مىللەتلىك بىر چوڭ ئائىلە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانىلىقى، مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقى تىللاردا داستان بولماقتا.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسى»دا، قولۇم - قوشنىلار ئىناق بىللە ئۆتىدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبى ئىللىقلىق بىلەن تولغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن چىن ھېسسىيات، سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ.

شىنجاڭدا بۇنداق ھېكايىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. ۋۇ دېڭيۈن، جۈماتاي ئاۋبەكىر، جۇاڭ شىخۇا، بۇرماقان مولدۇ... بۇ ئىسىملارنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى بار بولۇپ، خۇددى دانە - دانە مەرۋايىتقا ئوخشاش ئىللىق ھەم نۇرلۇق. ئۇلار گەرچە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ئوخشاش ئۈلگە كۈچى بار بولۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ مەنىۋى كوردىناتىغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىر پارچە مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدۇ.

2016- يىلى 2- ئايدا، تۆت ئۇيغۇر يىگىت ئاپتوموبىل ھەيدەپ شاڭخەي - شەنشى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا كېتىۋېتىپ، بىر قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىدىن ئۆتكەن، تۆتەيلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ياردەم قولىنى سۇنۇپ قۇتقۇزغان؛ خۇنەن ئۆلكىسى چېنجوۋ شەھىرىدىكى گاۋيىلىڭ مەنزىرە رايونىدا، كاۋاپچى خەبىر ئەخمەت بىرەيلەننىڭ «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ، قىلچە ئىككىلەنمەي سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزۇپ چىققان؛ «مۈشۈكئېيىق قان تىپى»لىق قىز ۋۇ جىڭجىڭ بىر قېتىملىق قان تەقدىم قىلىشتا ياردەمگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىز تۇخېنىم ھاجىم بىلەن ئۆمۈرلۈك ئاچا - سىڭىللارغا ئايلاندى...

رايون ھالقىغان، مىللەت ھالقىغان بۇ ھەقىقىي ھېسسىياتلار ھەم تاسادىپىيلىق، ھەم مۇقەررەرلىك.

«شىنجاڭنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا ماڭغاندا، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەي، ئىناق، دوستانە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بۇ جاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر <گۈلزارلىق>ى ئىكەن.» بۇ، بۇ يىل 2- ئايدا سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پرىدراگ . ماركوۋىچنىڭ «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەم شىنجاڭنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلغان، زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى ھەقىقىي تەسىراتى.

 تەرەققىيات ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشتىكى ئۇل تاش» «تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا.

70 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

70 يىل ئىلگىرى قۇربان تاغىنىڭ بارلىق ئۆي بىساتى بىر كونا ئەدىيال بىلەن بىر مىس چۆگۈن ئىدى. 70 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ يۇرتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى خەلق ھازىر خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدۇ.

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېزا يوللىرىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ماڭغاندا، قاتار - قاتار رەتلىك، پاكىز، چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەر، تەرتىپلىك پىلانلانغان رەت - رەت سالا ئېتىزلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرىكى مۇھىم قاتناش قورالى − ئېشەكنىڭ ئورنىنى توكسىكلىت، پىكاپ ئالدى؛ ئىلگىرىكى «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ھەممە يېرى توپا، يامغۇرلۇق كۈنلىرى ھەممە يېرى پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان» توپا يوللار ھازىر كەڭ، تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئايلاندى؛ ئىلگىرى ماتادىن تىكىلىدىغان چاپانلارغا بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى ئامىللار قوشۇلۇپ، مودا ھەم چىرايلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلدى...

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.

70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلرايىنى مۇجەسسەملىدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

لوپ ناھىيەسى دول يېزىسىنىڭ چاقما كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق پەزىلەت سەيدىمەمەت ئۆزىنىڭ جياڭشى ليەنچۇاڭ ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىدە ئۈچ ئاي ئىشلەپلا بەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلۈپ، مائاشىنىڭ بىردىنلا 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئۆسىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. «بۇ جايدىكى خەنزۇ ئۇستازلار بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ھازىر مەن ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان يەتتە ئادەمنى باشقۇرىمەن، مەن چوقۇم كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن» دېدى پەزىلەت.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى يۈرەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، چوقۇم ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى