تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈز پەسلىدە بۇ سەككىز خىل مېۋىنى كۆپرەك يەڭ

  تەھرىر ئىلاۋىسى: تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىككە بولغان تەلىپى بۇرۇنقى «تويۇش»تىن ئاستا – ئاستا «ياخشى يېيىش»كە ئۆزگەردى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاپ يېگەندە ئاندىن ھەم تەم سەزگۈسىنى قاندۇرغىلى ھەم ساغلام يېگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدىغان سەككىز خىل مېۋىنى تونۇشتۇرىمىز.

  شەنجا : كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

  كۈز پەسلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە شەنجانىڭ تەركىبىدە كالتسي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر يۈز گىرام مېۋە ئېتىدە 52 مىللىگىرام كالتسىي بار. ھامىلىدارلار ۋە بالىلارنىڭ كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولغاچقا، تاماقتىن كېيىن شەنجا يەپ بەرسە بولىدۇ.(ھامىلىدارلار شەنجا يېگەندە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك)

  ئۇنىڭدىن باشقا، شەنجاا تەركىبىدە ترىتېرپېنوئىد كىسلاتا ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بولغاچقا، قان بېسىمى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشتىكى «كىچىك ياردەمچى» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە شەنجا تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تولغاق توختىتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. خام شەنجا يەنە بەدەندىكى ماينى سېرىيدۇ، شۇڭا ئورۇقلايدىغانلار كۆپرەك يېسە بولىدۇ.

   ئاپېلىسىن: ۋىتامىن B1 چېمپىيونى

  ۋىتامىن B1نىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا سىگنال يەتكۈزۈش رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپېلىسىندىكى كاروتىننىڭ مىقدارى باشقا كۈز مېۋىلىرىنىڭكىدىن كۆپ، بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددا بەدەندە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆزنى ئاسراپ، روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.

    ئانار: يېمەكلىك تالاسى چېمپىيونى

  ئانارنىڭ تەركىبىدە سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھەزىم قىلىش يولىدا ئېنزىم تەرىپىدىن پارچىلانمايدۇ، ئۇ ھەم قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانارنىڭ ئۇرىقىدا ۋىتامىن C، پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار. شۇڭلاشقا ئانار يېگەندە ئۇرۇقىنىمۇ ياخشى چايناش كېرەك.

    يېڭى چىلان: پۈتۈن ئېنېرگىيە چېمپىيونى

  كۈز پەسلىدىكى باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى چىلاننىڭ تەركىبىدە كۆپ تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن: ۋىتامىن C، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار. ۋىتامىن C قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كالىينىڭ قان بېسىمنى كونترول قىلىشتا پايدىسى بار، ماگنىي بېسىمغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق.

    يۇۋزى: كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئەڭ تۆۋەن

  ھەر يۈز گىرام يۇۋزى تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى 9.5 گىرام. بۇ سېمىزلەرگە نىسبەتەن ئەلۋەتتە خۇش خەۋەر. تېبابەتتە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغان يېمەكلىك ئادەم بەدىنىدىكى قەنت شېكىرى ۋە ئىنسۇلىننى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا دىيابېت ۋە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

    نەشپۈت: ئۆپكىنى سىلىقلاش رولى ئەڭ ياخشى

  نەشپۈتنىڭ تەركىبىدە %85 ئەتراپىدا سۇ بار، ئۇنىڭ ئىچىدە فرۇكتۇزا ۋە گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئەڭ مول، شۇڭلاشقا يېگەندە تەمى تاتلىق، ناھايىتى يېيىشلىك. كۈزدە ئېغىز، بۇرۇن قۇرۇشۇپ، قۇرۇق يۆتەل جىقلاپ قالغاندا يېڭى نەشپۈت يېگەندە كۈزدىكى قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەشپۈت تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس، شۇڭلاشقا نەشپۈتنى پىشۇرۇپ يېگەندە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇققىمۇ جىق تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن: نەشپۈتنى ھوردا، ياكى سۇدا پىشۇرۇپ ناۋات قوشۇپ يېگەندە يېيىشلىك ھەم ئوزۇقلىقىغا تەسىر يەتمىگەن بولىدۇ.

    لەنمېي: تېرىنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك

   لەنمېي ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆسىن تۈزەش تېرە ئاسراشتىكى ئوزۇقلۇق ئامبىرى. لەنمېي تەركىبىدە سىئانىننىڭ مىقدارى ئەڭ مول، بۇ دەل ئۇنىڭ قېنىق قارا كۆك رەڭدە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، سىئانىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋىتامىن Cنىڭكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا، داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

    ئۈزۈم: ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش چېمپىيونى

  ئۈزۈم تەركىبىدە بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بار.

 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى