تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: ئاپئاق پاختا كەنت ئاھالىسىنى خۇشال قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، شايار ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى نۇرباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ئەۋەتكۈچى ئىدارىنىڭ كادىرلىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، «تۆت پېشقەدەم» لەرنىڭ پاختا تېرىشىغا ياردەملەشتى.

  «خىزمەت ئەترىتىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت، ئادەتتە خىزمىتىڭلار شۇنچىلىك ئالدىراش تۇرۇپمۇ يەنە بىزنىڭ پاختا تېرىشىمىزغا ياردەم بەردىڭلار، بەكلا تەسىرلەندۇق، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت.» دېيىشتى «تۆت پېشقەدەم» لەر رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ.

  «ھازىر، دەل پاختا تېرىشنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى، بىز ھەر كۈنى كېۋەزلىككە چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارنىڭ پاختا تېرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ كۈزلۈك يىغىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.»دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى چېن يۈنۋۇ.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت، مۇنەۋەر ئابدۇرازاق تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى