تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يەنجى ناھىيەسى: قاپاق لازا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز يەن فاڭ، ئەزھەر فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى تۇخاۋچۈ كەنتىنىڭ 5- گۇرۇپپىسىدىكى كەنت ئاھالىسى شياڭ جيەنخۇانىڭ لازا ئېتىزىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى قاپاق لازا ئۈزۈش ھەمدە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، لازا سودىگىرى خۇاڭ خەيلۇڭ ۋە يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى يېڭىلا ئۈزۈلگەن بىر سېۋەت لازىنى جىڭلاپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى. 

  خۇاڭ خەيلۇڭ ئۇخاۋچۈ يېزىسى ئوتتۇرا ئۇخاۋچۈ كەنتىلىك دېھقان، ئۇ قاپاق لازا تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، قاپاق لازا تېرىش تەجرىبىسى ۋە سېتىۋېلىش يوللىرى بار. بۇ يىل يىل بېشىدا، كەنتنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يەنجى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ تۇخاۋچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ مەسئۇلى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى تۇخاۋچۈ كەنتىدە قاپاق لازا تېرىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ياردەملىشىشكە، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە ئۇنى لازىلارنى سېتىۋېلىپ لازا زاۋۇتىغا ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى، خۇاڭ خەيلۇڭ بۇنىڭغا ماقۇل بولدى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تېرىقچىلىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 40 مو يەرنى تېرىقچىلىق سىناق نۇقتىسى قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى خۇاڭ خەيلۇڭ بىلەن زاكاز ئىمزالىدى، خۇاڭ خەيلۇڭ لازا مايسىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان، كۈزدە ئېتىز بېشىغا كېلىپ لازا سېتىۋالىدىغان، سېتىۋېلىش باھاسى 2.2 يۈەن بولىدىغان، ئادەتتە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولدى. بۇ تەدبىرلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلدى، كېلىشىم ئىمزالىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق قىزغىنلىقى ئېشىپ، كۈزلۈك ھوسۇلغا بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشتى.

  خۇاڭ خەيلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاپاق لازىنىڭ ئاچچىقلىقى كۈچلۈك، بىر قاپاق لازىنىڭ ئاچچىقى ئادەتتىكى لازىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدىن لازا زاۋۇتىدا لازا قىيامى ياسىلىدۇ، داپەنجى دۇكانلىرىدا بازىرى ئىتتىك. يەنە مەھسۇلات مىقدارىمۇ خېلى كۆپ، بىر مو يەردىن ئىككى توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، سېتىۋېلىشقىمۇ تەلەپ قاتتىق قويۇلىدۇ، چوقۇم پاكىز ئۈزۈپ، يېڭى پېتى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، تۇخاۋچۈ كەنتى 4-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان ما شۆمىڭ ئالتە مو يەرگە قاپاق لازا تېرىپ، 20 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغان، لازا ئېتىزىدا ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىر ئۈزۈش مەزگىلىدە 1500 يۈەن كىرىم قىلغان، خىزمەت ئەترىتى ھەقىقەتەنمۇ مول ھوسۇل پەسلىدە كەنت ئاھالىلىرىنى خۇشال قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى