تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھامىلىدارلار شۇنچە ياخشى يېسىمۇ نېمىشقا يەنە كەم قان بولۇپ قالىدۇ؟

  كەم قانلىق ئوزۇقلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر خىل كېسەللىك. كەم قانلىق ئانىنى ماغدۇرسىز، يۈرىكى سالىدىغان، بېشى قايىدىغان قىلىپ قويغاندىن باشقا، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھامىلىدارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. لېكىن تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە ھامىلىدارلارنىڭ كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 ~ %10كىچە بولغان. نۇرغۇن ھامىلىدارلاردا يېنىك دەرىجىدە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدە كەم قانلىق كۆرۈلسە، ئۆزى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا، كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قاننى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

  ھامىلىدار مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كەم قانلىق _ تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، يەنە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان كەم قانلىقنى كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر، كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىغىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ھامىلىگىمۇ يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئانا بەدىنىدىكى قان ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكىدىن %50 ~ %30كىچە كۆپىيىدۇ. گېموگلوبىننىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېھتىياجغا قاراپ قانمۇ تولۇقلىنىدۇ.

  ھازىر ھامىلىدارلارنىڭ ئوزۇقى شۇنچە ياخشى تۇرسا يەنە نېمە ئۈچۈن كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئىلمىي ئوزۇقلۇق تولۇقلاش لازىم. مەسىلەن: شورپىنىلا ئىچىپ گۆش يېمىسە، قوبۇل قىلىدىغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ. ياخشى بولغان غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىرىكمە ۋىتامىننى ئىزچىل يەپ بەرگەندە، ئاز مىقداردىكى تۆمۈر ئېلېمىنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردىكى ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاسان كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ: ئەسلىدىنلا كەم قانلىق كېسىلى بار ئاياللار؛ كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغانلار؛ بىر يىل ئىچىدە ئۇدا ھامىلىدار بولغان ئاياللار؛ گۆشسىز تاماق يەيدىغان ئاياللار.

  تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش كېرەك. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىك قېنىق رەڭلىك كۆكتات، بېلىق تۈرىدىكى، قۇش تۈرىدىكى ھەمدە قىزىل گۆشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كەم قانلىق ئېغىر بولغانلار يېمەكلىككە تايىنىپلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش كېرەك.

  يېمەكلىكنىڭ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تورمۇزلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك يېيىشتىن بىر سائەت بۇرۇن تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى ھەمدە ۋىتامىن Cنى قوشۇپ يېيىش كېرەك.

  ئومۇمەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، مۇۋاپىق يەپ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۆمۈر كەملىك تۈرىدىكى كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ياخشى ئېلىش كېرەك. 

   خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى