تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

قاغىلىق ناھىيەسى: زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىخىيارىي مۇخبىر گاۋ شېڭ خەۋىرى): «بۇ يىل يىل بېشىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەم قىلىپ 22 مو يەردىكى ئاق قوناقنى سېتىشىمغا زاكاز ئالاقىلىشىپ بەردى، تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى دائىم دېگۈدەك كېلىپ ماڭا يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر ئاق قوناقلاردىن ھوسۇل ئالدىم، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 400 كىلوگىرام بولدى، 22 مو يەردىكى ئاق قوناقتىن 22 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، ئۇرۇقى ئايرىۋېتىلگەن ئاق قوناقتا سۈپۈرگە بوغۇپ ساتقىلى بولىدۇ، شاخلىرى بىلەن ئۆيدىكى كالا، قويلارنى باققىلى بولىدۇ!» يېقىندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم يېزىسى  ھەرەمباغ كەنتىدىكى ئابدۇراخمان توخسۇن ھوسۇل ئالغان ئاق قوناقلىرىغا قاراپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى. زاكاز قىلىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ قارىغۇلارچە تېرىقچىلىق قىلىشىدىن ساقلانغىلى، بازار رىقابىتى ئېلىپ كەلگەن باھا خەتىرىدىن ساقلانغىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.

  بۇ يىل، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى 701-ئەترىتى، شىنجاڭ داشۆسى، قاغىلىق ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم يېزىسى ھەرەمباغ كەنتى زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ،  22 مو يەرگە سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سورتلۇق ئاق قوناق تېرىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاق قوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 1000 يۈەنگە يەتتى. باشقا كەنت ئاھالىلىرى ئالدىنقىلارنىڭ زاكازلىق يېزا ئىگىلىكتىن نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ كېيىنكى يىللىق زاكازغا تىزىملاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى