تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك كەنتىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ خۇاگۇاڭ، خەيشار مىدۇغۇقان): كۈز پەسلى ھوسۇل پەسلى، ھەممە يەردە مېۋە-چېۋە مەي باغلاپ پىشىپ، ھەممەيلەن مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمىدۇ، دېھقانلار ئېتىزلاردا ھوسۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ.

  بۇ يىل، تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرى جىيەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىدىمۇ قوش ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ يىل، جىيەك كەنتىنىڭ قوغۇن-تاۋۇز تېرىش كۆلىمى 2000 موغا يەتتى، ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق، پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى جايىدا بولغاچقا، ھازىر، قوغۇن-تاۋۇزلار ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپپ، كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزلىقلاردا قوغۇن-تاۋۇز يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىيەك كەنتى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ئۆزىگە تەۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىپ بېيىش يولىنى ئىزدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش