خۇياڭ تورى ئۈرۈمچى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر گو شۆۋېي): جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» تېمىسىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
مېنىڭ بىڭتۇەنىم، مېنىڭ روھىم
قىزىل ناخشىلارنى ئۇلاپ ئېيتىش
موڭغۇلچە ئۇسسۇل «ۋەتىنىمگە بەخت تىلەيمەن»
كېچىلىك «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق خور بىلەن باشلاندى، «جۇڭگو يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى» ، «بىڭتۇەننىڭ ئىلگىرىلەش ناخشىسى» ، «ئەڭ گۈزەل ناخشىنى ئانامغا ئېيتىپ بېرىمەن»، «بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر» يەنە موڭغۇلچە ۋە زاڭزۇچە ئۇسسۇل، تەيجى يەلپۈگۈچ ۋە تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق نومۇرلارمۇ ئورۇندالدى. يەنە جىڭجۈي تىياتىرى «شاجياباڭ»، «جۇمھۇرىيەتكە سالام بېرىش ـــ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى جەڭچىلەرگە تەقدىم» ، «مېنىڭ بىڭتۇەنىم، مېنىڭ روھىم» دېكلاماتسىيە نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، پۈتۈن مەيدان كېچىلىكنىڭ مەزمۇنى مول، رەڭدار بولدى، كېچىلىك «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق خور بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئۆسمۈرلەر «قۇملۇقتىكى باغ» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى ئورۇندىماقتا.
موڭغۇلچە ئۇسسۇل «ۋەتىنىمگە بەخت تىلەيمەن».
بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكىدە پېشقەدەم كادىرلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئاتىغان چوڭقۇر سالىمى ۋە ئەڭ سەمىمىي تىلىكى تولۇق نامايان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، كۈتۈنۈش، كۆڭۈل ئېچىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشتەك ياخشى روھى نامايان قىلىندى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى