تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاسىيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى: جۇڭگو كوماندىسى بىر نومۇر پەرقتە ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ياپونىيە كوماندىسى بىلەن تەڭ تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندىستان بانگارول، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى: ئەڭ ئاخىرقى 10 سېكۇنتتا رىقابەتچىسىنى بېسىپ چۈشتى، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى B گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، بىر نومۇر پەرقتە دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان يېڭىشتەك نەتىجىدە گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى ھەمدە A گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولغان ياپونىيە كوماندىسى بىلەن تەڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن باشقا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە، يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى 57گە قارشى 75 نەتىجىدە فىلىپپىن كوماندىسىنى يېڭىپ B گۇرۇپپىدا ئۈچىنچى بولدى؛ ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ياپونىيە كوماندىسى 61گە قارشى 102 نەتىجىدە كورېيە كوماندىسىنى يېڭىپ، A گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى مۇقىملاشتى؛ جۇڭگو تەيبېي كوماندىسى 58گە قارشى 87 نەتىجىدە ھىندىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، A گۇرۇپپىنىڭ ئۈچىنچى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

ئىككى گۇرۇپپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان فىلىپپىن كوماندىسى بىلەن ھىندىستان كوماندىسى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى يەتتتىنچى، سەككىزىنچىلىكنى تالىشىدۇ، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى بىلەن جۇڭگو تەيبېي كوماندىسى، يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى بىلەن كورېيە كوماندىسى تۆت كۈچلۈكلەر ئورنىنىڭ ئېشىپ قالغان ئىككى سانىنى تالىشىدۇ. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى